Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
جۇلاغ
ئۆسۈملۈك
线芥
xiàn jiè
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
荆芥
jīng jiè
كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، جۇلاغقا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 60 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تۆت قىرلىق، يۇقىرى تەرىپى بىر - بىرىگە ئۇدۇل شاخلايدۇ، پۈتۈن ئۆسۈملۈكتىن
خۇشبۇي پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ، غولىدا قىسقا تېۋىتلەر بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، ئۈچتىن بەشكىچە ئاچىماق بولۇپ، پەيسىمان چوڭقۇر
يېرىلىدۇ؛ گۈل رېتى ئايلانما كۈنلۈكسىمان بولۇپ، كۆپلىگەن ئايلانمىلىرى شاخنىڭ ئۇچىغا توپلىشىپ، باشاقسىمان شەكىل ئالىدۇ. گۈلى
كىچىك، سۇس جىگەررەڭ كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ باشىقى ۋە يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە باشىقى كۆك ۋاقتىدا ئورۇۋېلىپ، يەر ئۈستى قىسمىنى
ئۇششاق چاناپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ياكى قازاندا قورۇپ كۆمۈرلەندۈرۈپ، باشىقىنى سايىدا قۇرۇتۇپ ياكى قازاندا قورۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل
ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا، كۈنەس، شىخەنزە، ماناس قاتارلىق
جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
تاش بەدەندىكى ئىللەتلەرنى تازىلاش، سوغۇقنى تارقىتىش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە
ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
جۇلاغدىن 12 گرام، كەۋرەكتىن 10 گرام، زۇلفا يوپۇرمىقىدىن 12 گرام، خام زەنجىۋىلدىن تۆت گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە،
سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۆمۈرلەندۈرۈلگەن جۇلاغ 70 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامنى قايناق سۇ
بىلەن ئىچىپ بەرسە، بۇرۇن قاناش، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئېغىر تارتىشىپ قېلىش ۋە پۇت - قول تارتىشىپ كىرىشىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جۇلاغ ۋە خام گەجلەرنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامنى چاي بىلەن
ئىچىپ بەرسە، باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جۇلاغ باشىقىدىن 35 گرام ئېلىپ، ئۇۋۇتۇپ قازاندا قورۇپ، لاتا خالتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ، ئاغرىق ئورۇنغا سۈرتۈپ بەرسە، يەلتاشمىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.