Uyghurئاساسىي لۇغەت
غاجىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۆڭەك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قاتتىق نەرسىلەرنى چىشكە بېسىپ يېمەك.
ئاچ قالغان تاشنىمۇ غاجىلار. غاجىماق - كەينىدىن تىللىماق. ئىت غاجىغان سۆڭەكتەك. كېمىرگەنگە نېمە چىدايدۇ؟ سۆڭەك مۇجىغانغا قورساق تويماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قاتتىق نەرسىلەرنى چىشى بىلەن قىرماق، ئۇپراتماق، ئۇۋاتماق، ئاجراتماق.
كونا ئۇستىخاننى ئىت غاجىماس (ماقال).
كۆچمە. ئارقىسىدىن تىللىلماق، غەيۋەت قىلماق، كەينىدىن گەپ تاپماق.
- مېنىڭچە غۇلامنى غاجاۋەرگەندىن پايدا چىقمايدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە، ئۇنىڭ سۈتىنى باشقا قاچىغا ئېلىپ قويۇپ، باشقىلارنىڭ سۈتىنى بېرىۋەرسەك.