Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆمەر باقى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر خوجا جاھان ئەرشى دەۋرىدە يەكەندە يەنە بىر گۈللەنگەن ئەدەبىي ھايات بارلىققا كەلگەن، بولۇپمۇ بۇ مەزگىلدە نەۋائىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەنىدى. ئۆمەر باقى ئەنە شۇ مەزگىلدە يېتىشىپ چىققان ئەدىبلەرنىڭ بىرىدۇر.
18 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدا ياش ئۆمەر باقى يەكەندىكى ئەدەبىي پائىلىيەتلەرگە قىزغىن قاتناشقان، بولۇپمۇ ئۇنىڭغا شۇ ۋاقىتتىكى يەكەننىڭ ھاكىمى ئېۋەزبېكنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر بولغان. شۇڭلاشقىمۇ، ئۇ كۆپ يىللار ئەجر قىلىپ، مىلادى 1792 - يىلى تاماملىغان نەۋائىنىڭ «خەمسە» سىدىكى داستانلار ئاساسىدا ئىشلەپ چىققان ئەسەرلىرى _«پەرھاد ۋە شېرىن»، «لەيلى ۋە مەجنۇن» نى ئېۋەزبېكنىڭ نامىغا بېغىشلىغان.
ئۆمەر باقى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر ئەلىشىر نەۋائىنىڭ «پەرھاد ۋە شېرىن»، «لەيلى ۋە مەجنۇن» داستانلىرىنى خەلق داستانلىرى تىلى بىلەن نەسرىي ئىجادىي ئىشلەپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدا بېرىلگەن. ئەسەر قەھرىمانلىرىنىڭ ئىچكى كەچۈرمىلىرىلا نەزمى شەكىلدە بېرىلگەن. بۇنىڭدىن ئۆمەر باقىنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى نەۋائى ئەسەرلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەشتە ئۈنۈملۈك ئىزدەنگەن ئەدىب ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئەدىب ھەققىدىكى قىسمەن مەلۇماتلاردىن ئۇنىڭ 18 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدا يەكەندە تۇغۇلۇپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ۋە خېلى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ شۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ۋاپات بولغانلىقىنى بىلىش مۇمكىن.