Uyghurئاساسىي لۇغەت
يالىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر نەرسىنى تىل ۋاسىتىسى بىلەن ئېغىزغا ئالماق؛ تىل تەگكۈزمەك.
تاپان يالىماق. يالاق يالىماق.
كالىلار سۇ ئىچسە، موزايلار مۇز يالايدۇ (ماقال).
قېتىق ئىچكەن قۇتۇلدى، تاۋاق يالىغان تۇتۇلدى (ماقال).
بېخىل سىقىمىنىڭ ئىچىنى ئايايدۇ، تېشىنى يالايدۇ (ماقال).
تىلىڭ كۆيسە تۇز يالا، ئىچىڭ كۆيسە مۇز (ماقال).
تېگىپ، ئۇرۇلۇپ تەسىر قىلماق، سىيپىماق (ئىسسىق - سوغۇق ۋە شامال ھەققىدە).
ئۇنىڭ يۈزلىرىنى شامال يالاپ سىلىقدىۋەتكەندەك كۆرۈنەتتى.
ئاققۇزماق، يۇماق (سۇ ھەققىدە).
دەريا تېرىلغۇ يەرنىڭ يېرىمىنى يالاپ چىقىپ بولدى. يەر ۋەيران بولۇپ تۈگىسە، ئاسماندا تېرىقچىلىق قىلامدۇق؟
كۆچمە. غاجىلىماق، ئاغرىتماق (ئاياغ كىيىم ھەققىدە).
ئاياغ پۇتۇمنى يالاپ كەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئارىغا ئېلىپ كۆزىتىپ بىللە ماڭماق.
مەلۇم بىر يۇرت باشلىقى چېگرىدا مەجبۇرىيەت ئادا قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بىر جىنايەتچى راھىبنى يالاپ ئېلىپ چىقىپتۇ.