Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
ياۋا قۇلماق
ئۆسۈملۈك
午草
wǔ cǎoDدېھقانچىلىق
律草
lǜ cǎoDباغۋەنچىلىك
律草
lǜ cǎo
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
葎草
lǜ cǎo
بۇ كەندىر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، پېلەك تارتىپ ئۆسىدىغان، ياۋا قۇلماققا
ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، پۈتۈن تېنىدە تىكەنلىك تۈكلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئۇزۇن ساپلىق، يوپۇرماقلىرى كۆپىنچە
ئالىقان شەكلىدە بەشكە چوڭقۇر يېرىلغان، گىرۋەكلىرى ھەرە چىشلىق بولىدۇ؛ ئاتىلىقى ۋە ئانىلىقى ئايرىم تۈپلەردە بولىدۇ، گۈلى كىچىك، رەڭگى
ساغۇچ يېشىل بولۇپ، ئاتىلىق گۈللىرى كونۇسسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئانىلىق گۈلنىڭ ئون نەچچىسى توپلىشىپ قىسقا باشاق
ھاسىل قىلىدۇ؛ ئورۇق مېۋىسى شار شەكلىدە، سەل يالپاقراق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز كۈنلىرى باراقسان ئۆسكەندە ئورۇۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، توغراپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي، غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدىكى چاتقاللىق،
ئورمانلىق ۋە دالىلاردا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
ئىسسىق قايتۇرۇش، زەھەر ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ياۋا قۇلماق، كۆك ئەمەن، بۇدۇشقاق يىلتىزىنىڭ ھەربىرىدىن 20 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىگە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
12 گرام ياۋا قۇلماقنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەزىم ناچارلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ياۋا قۇلماقنى سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، مۇپاسىل، يىرىڭلىق ئىششىق ۋە
ھەرخىل جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ياۋا قۇلماقنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەزىمنى ياخشىلاپ، ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ.