Uyghurئاساسىي لۇغەت
كارناتىك ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيەنىڭ 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ھىندىستاننىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى كارناتىك رايونىنى تالىشىپ ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى، بۇ ئۇرۇش ئۈچ قېتىم بولغان. (1) 1748 - 1746 - يىللىرى، 1740 - يىلى ياۋرۇپادا ئاۋسترىيە تەخت ۋارىسلىقىنى تالىشىش ئۇرۇشى يۈز بېرىپ، تا ھىندىستانغىچە كېڭەيگەن. 1746 - يىلى فرانسيە ئىنگلىزلارنىڭ قولىدىن مادراسنى تارتىۋالغان ھەمدە ئاركوتنىڭ نائىبى (ھۆكۈمرانى) ۋە كارناتىكنىڭ باش ۋالىيسى ئەنۋەر ئۇددىننىڭ قوشۇنىنى يەڭگەن. 1748 - يىلى ئىمزالانغان <ئاچېن سۈلھ شەرتنامىسى> بويىچە مادراس ئەنگلىيىگە ياندۇرۇپ بېرىلگەن. (2) 1749 - 1754 - يىللىرى، 1748 - يىلى ھىندىستاننىڭ ھەيدەرئاباد ۋە كارناتىك شتاتلىرىدا تەخت ۋارىسلىقى مەسىلىسى كېلىپ چىققان. ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ ھەرقايسىسى بىر تەرەپنى يۆلىگەنلىكتىن ئۇرۇش كېلىپ چىققان. باشتا فرانسىيە يەڭگەن، لېكىن 1751 - يىلى ئەنگلىيىلىك كلايۋ 500 كىشىلىك بىر قوشۇنغا باشلامچىلىق قىلىپ، ئاركوتنى تارتىۋالغان ھەمدە فرانسىيە قوللىغان چاغدا ساھىب قوشۇنىغا 53 كۈن قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئەنگلىيەنىڭ مەغلۇبىيىتىنى غەلىبىگە ئۆزگەرتكەن. 1752 - يىلى ئىنگلىزلار ترىچىنوپولدا يەنە چوڭ غەلىبىگە ئېرىشكەن، فرانسىيە قوشۇنى تەسلىم بولغان. 1754 - يىلى ئىككى دۆلەت سۈلھ شەرتنامىسى تۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ۋاقتىنچە توختىغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش فرانسىيەنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرغان. (3) 1756 - 1763 - يىللىرى، ياۋرۇپادا 1756 - يىلى يەتتە يىللىق ئۇرۇش پارتلاپ، يەنە بىر قېتىم ھىندىستانغا تۇتاشقان. 1759 - يىلى ئەنگلىيە شىمالىي ساركار رايونىنى تارتىۋالغان ھەمدە ۋاندىۋاش دېڭىز ئۇرۇشىدا فرانسىيە قوشۇنىنى يەڭگەن. ئىككىنچى يىلى ئەنگلىيە پوندىچېررىنى مۇھاسىرە قىلغان. 1761 - يىلى فرانسىيە قوشۇنى تەسلىم بولغان. 1763 - يىلى <پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى> ئىمزالانغان. شۇنىڭ بىلەن فرانسىيە ھىندىستاندىكى ئۈستۈنلۈكىدىن ئايرىلىپ، پەقەت كارىكال، چاندىگار، ماھې، پوندىچېررى ۋە يانائوندىن ئىبارەت بەش مۇداپىئەسىز شەھەرنىلا ساقلاپ قالغان.