Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاڭ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەڭ: ئاڭ ئىلىك - ئەڭ ئاۋال.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنسان چوڭ مېڭىسىنىڭ پائالىيىتى.
<ئوي> كۆڭۈلگە پۈككەن ئۈمىد، ئارزۇ.
<پىكىر> ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەتنىڭ ئىنسان ئېڭىدا تەپەككۇر پائالىيىتىدىن ھاسىل بولغان نەتىجە.
<تەپەككۇر> ئۇقۇم ئاساسىدا ئانالىز، سىنتېز، ھۆكۈم، پەرەزگە ئوخشاش بىلىش پائالىيىتىنىڭ جەريان
ئوي - سۆزنىڭ بۇلىقى. ئادەم قېرار، پىكىر قېرىماس. ئۆزۈڭدىن يۇقىرىغا قاراپ پىكىر قىل، ئۆزۈڭدىن تۆۋەنگە قاراپ شۈكۈر قىل. ئوي - پىكىرنىڭ خورىشى ئۆمۈرنىڭ قىسقىرىشى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. تەپەككۇر بولمىسا، كۆز ھەر قانچە يوغان بولسىمۇ بىكار. ئادەمنىڭ ئېڭى ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئەكىس ئەتتۈرۈپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە ئوبيېكتىپ دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. سېزىم ئىنساننى توغرا پىكىر قىلىشقا باشلايدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يېغى دورا بولىدىغان بىر خىل قۇش، قوداي. بۇ قۇشنىڭ يېغى ئالقانغا سۈرۈلسە، قولنىڭ كەينىدىن سىزىپ چىقىدۇ.
1 - 57
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
«ياق، ئەمەس» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان سۆز. بىرەر ئىشقا بۇيرۇلغان كىشى « ئاڭ ئاڭ» دىسە، «ياق - ياق» دېگەن بولىدۇ.
ئوغۇزچە.
1 - 57
پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى
ئېنگېلس ئاڭنى «يەر شارىدىكى ئەڭ چىرايلىق گۈل» دېگەن. چىرايلىق گۈل مۇنبەت تۇپراقتىن ئايرىلمايدۇ، ئاڭ ماددىدىن ئايرىلمايدۇ. ئاڭ ئادەم مېڭىسىنىڭ فۇنكسىيىسى، ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ ئىنكاسى. ئادەم پەيدا بولغاندىن كېيىن دۇنيادا ماددا ھادىسىسىدىن باشقا، ئاڭ ھادىسىسىمۇ بار بولدى. ئاڭ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ مەھسۇلى. يەر شارى پەيدا بولغاندىن كېيىن ئەڭ بۇرۇن ئانئورگانىك ماددىلار پەيدا بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋان - ئۆسۈملۈكلەر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلار پەيدا بولۇپ، ئاخىرىدا مايمۇن ئادەمگە ئايلاندى. بۇ تەرەققىيات باسقۇچلىرىغا مۇناسىپ ئىنكاس شەكىللىرى ئانئورگانىك ماددىلارنىڭ رېئاكسىيە ئالاھىدىلىكىدىن ئۆسۈملۈك ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ غىدىققا ئىنكاس قايتۇرۇشچانلىقىغا، ئاندىن يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ سەزگۈ ۋە پسىخىكىسىغا تەرەققىي قىلىپ، ئاخىر ئادەم ئېڭى بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاڭ ماددىنىڭ تەرەققىياتىدىن كەلگەن، ئۇ ماددا تۇپرىقى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق.
ئاڭ ئادەم مېڭىسىنىڭ فۇنكسىيىسى، ئادەم مېڭىسى ئاڭ ئورگىنىدۇر. ئادەم مېڭىسى بىلەن تەپەككۇر قىلىدۇ. ئادەم مېڭىسى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك، ئەڭ مۇرەككەپ ماددا سىستېمىسى، ئادەم مېڭىسىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ماددا بولمىسا، ئاڭمۇ بولمايدۇ.
ئاڭنىڭ مەزمۇنى ماددىي دۇنيانى مەنبە قىلىدۇ. ئادەم مېڭىسى ئاڭ ئورگىنى، لېكىن ئاڭنى ئىشلەپ چىقىرالمايدۇ. تاشقى دۇنيادىكى شەيئىلەر ئادەمنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىدىن ئۆتۈپ چوڭ مېڭىگە يەتكەندىلا، ئاڭ پەيدا بولىدۇ. ئادەم مېڭىسى پىششىقلاش زاۋۇتىغا ئوخشايدۇ، خام ماتېرىياللار ئوبيېكتىپ دۇنيادىن كېلىدۇ، ئادەم ئېڭىنىڭ بارلىق مەزمۇنلىرىنى ماددىي دۇنيا بەلگىلەيدۇ. ئادەم مېڭىسىدە بەزىدە جىن - ئالۋاستى دېگەندەك، ئەمەلىي تۇرمۇشتا يوق نەرسىلەرمۇ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بىراق، «جىن - ئالۋاستى» لارنى تەشكىل قىلىدىغان «دېتال» لار تۇرمۇشتا بار، «كالا باشلىق، ئات يۈزلۈك مەخلۇق» كىشىلەر ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى كالا ۋە ئاتنى مېڭىسىدە بىرىكتۈرۈپ ھاسىل قىلغان غەلىتە مەخلۇقتۇر. ئەمەلىي تۇرمۇشتا سۇن ۋۇكۇڭ، جۇباجيېمۇ يوق، ئۇلارمۇ كىشىلەر مايمۇن ۋە چوشقىغا ئادەمچە تۈس بېرىپ پەيدا قىلغان ئەپسانىۋى پېرسوناژلاردۇر. شۇڭا، ئاڭنىڭ مەزمۇنى ئوبيېكتىپ، ئادەم ئېڭىدا بارلىكى نەرسىلەرنىڭ ئەسلىي شەكلىنى ئوبيېكتىپ دۇنيادىن تاپقىلى بولىدۇ، ھەممىسى ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ ئىنكاسى، ئۇلارنىڭ پەرقى ئوبيېكتىپ دۇنيانى بەزىلىرى توغرا، چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرسە، بەزىلىرى خاتا، بۇرمىلاپ ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىدە، خالاس.
پسىخولوگىيە
يۈكسەك دەرىجىدە مۇكەممەللەشكەن، يۈكسەك دەرىجىدە تەشكىل تاپقان ئالاھىدە ماددا - ئادەم مېڭىسىنىڭ فۇنكسىيىسى. ئۇ ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ ئادەمگىلا خاس بولغان ئىنكاسى. ماددىغا قارىغاندا ئاڭ ئىككىلەمچى، «ئادەملەرنىڭ بارلىقى ئادەملەرنىڭ ئېڭىغا باغلىق ئەمەس، ئەكسىچە ئادەملەرنىڭ ئېڭى ئادەملەرنىڭ ئىجتىمائىي بارلىقىغا باغلىق» («ماركس - ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى» 2 - توم، خەلق نەشرىياتى 1972 - يىل خەنزۇچە نەشرى 82 - بەت). ئانئورگانىك جىسىملاردىغۇ ئاڭ يوق، بىر قەدەر يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ھايۋانلاردىمۇ ئاڭ يوق، ئۇنداق ھايۋانلاردا ئاڭنىڭ بىخىلا بار. ھايۋاننىڭ ئادەمگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھايۋان مېڭىسى ئادەم مېڭىسىگە ئايلانغاندا، ئادەمگىلا خاس بولغان ئاڭ پەيدا بولغان، فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن ئالغاندا، ئادەم ئېڭىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىككىنچى سىگنال سىستېمىسىغا ئىگە بولۇشتۇر. ئاڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئۇ ئەمگەك ئاساسىدا تىل بىلەن بىرگە بارلىققا كەلگەن. ئاڭ تەبىئەت مەھسۇلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى.