Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇمىيا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مونەينى، چىرىمىگەن جەسەت، قۇرۇق جەسەت.
تۇرپان ئاستانە مازىرىدىن نۇرغۇن مۇمىيا قېزىۋېلىندى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مىللىي تىبابەتچىلىكتە سۇنغان سۆڭەكلەرنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مۇمىسىمان ئورگانىك ماددا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تالقان ھالەتتىكى قىزغۇچ - جىگەر رەڭ مىنېرال بوياق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە؛گرېكچە
تېبابەت
مىللىي تېبابەتچىلىكتە سۇنغان سۆڭەكلەرنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مۇمسىمان ئورگانىك ماددا.
<ئارخېئول> قەدىمدە، كىشىلەر چىرىشتىن ساقلىنىدىغان دورا ماتېرىياللىرى بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ كۆمگەن، چىرىمىگەن جەسەت ياكى يەر شارائىتى قۇرغاق بولغانلىقتىن چىرىمەي قۇرۇپ قالغان جەسەت.