Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
خالىد
دۇنيا تارىخى
哈立德
hā lì dé
(641 - ياكى 642 - ؟) ئەرەب سەركەردىسى. مەككە قۇرەيىش قەبىلىسىدىن. ئىلگىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئىسلام دىنىغا قارشى ئوھودو غازىتى، خەندەك غازىتىغا قاتناشقان. مىلادى 629-يىلى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغان. جەڭدە تۆھپە كۆرسەتكەنلىكتىن <ئاللانىڭ زۇلىپقارى> دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 632-يىلى، خەلىپە ئەبۇ بەكرنىڭ بۇيرۇقى بويىچە قوشۇن باشلاپ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى قەبىلە ئىسيانىنى باستۇرغان. ئارقىدىنلا ئىراققا يۈرۈش قىلىپ، خىللا شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. كېيىن سۈرىيىگە بېرىپ سۈرىيىدىكى ئەرەب ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 335-يىلى دەمەشىقنى بېسىۋالغان، كېيىن قوشۇنلىرىنى بۇ يەردىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. 636-يىلى 8-ئايدا يارمۇك دەرياسى (ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى) بويىدىكى جەڭدە ۋېزانتىيە ئارمىيىسىنى مەغلپ قىلغان. دەمەشىقنى قايتىدىن ئىشغال قىلىپ سۈىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئىستېلا قىلغان.ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان.