Uyghurئاساسىي لۇغەت
لاچىن
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
لاچىن.
بۇ بىر خىل يىرتقۇچ قۇش. باتۇر يىگىتلەرگىمۇ « لاچىن» دېيىلىدۇ.
1 - 533
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بۈركۈت؛ لاچىن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
قۇشلار كلاسى، لاچىن ئائىلىسىدىكى بىر قۇش. ئەركىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ. باش قىسمى بىلەن بوينىنىڭ يان تەرەپلىرىدىكى پەي - تۈكلىرى قاراڭ رەڭلىك، ئازراق كۆكۈچ كۈل رەڭ، قورساق قىسىملىرى ئاقۇچ ھەم قارا ئالىسى بار. ئۇچۇشى تېز، يىرتقۇچ كېلىدۇ، چوڭ قۇشلارنىمۇ ئوۋلىيالايدۇ. شىمالدا كۆپىيىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىدا قىشنى ئۆتكۈزىدۇ، شىنجاڭدىمۇ بار.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
بۈركۈت؛ لاچىن
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
(بۇ يەردە لاچىندەك بىر ئوغۇل توغۇلدى دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
لاچىن، بىر خىل يىرتقۇچ قۇش.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
لاچىندەك چەبدەس كىشى.