Uyghurئاساسىي لۇغەت
باب
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
كىتاب، ئەسەر ۋە ماقالە قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىر ئايرىم بۆلىكى، قىسمىدىن كىچىك، بۆلۈم، پاراگرافتىن چوڭ.
«قاينام ئۆركىشى» 30 باب.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . ئۇسۇل، چارە، ئامال.
ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن، ئەرباب سالىدۇ ھەر باب بىلەن (ماقال).
2 . جەھەت، ساھە.
كىمكى قىسقا سۆزلەپ، دېدى كۆپ مەنا،
راۋانلىق بابىدا شۇ كىشى ئەلا.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىشىك، دەرۋازا، قوۋۇق، قاپقا؛ بوغاز؛ بۆلۈم، بۆلەك، پاراگىراف؛ ماددا، تارماق؛ ئىش، تېما؛ جەھەت، توغرىسىدا؛ مۇۋاپىق، لايىق؛ ئاتا، دادا: بابىلىمەمات - ئۆلۈم ئىشىكى؛ دەرباب - بۇ جەھەتتە، بۇ توغرىدا؛ ئاممىباب - قىزىل دېڭىز بوغۇزى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: كى شاھرادە ئاچتى كەرەم بابىنى، كۆرۈپ شاھى فەغفور بۇ ئىنئامىنى. (ئا. نىزارى)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭ ئەسەرنىڭ تۈرلۈك بۆلەكلىرى.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» تۆت پەسىل، 29 باب، 16 بۆلۈم، 270 ماددىدىن ئىبارەت.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكەتكە ئۇيغۇن، ماس، دەل كەلگەن.
ناباپ، نامۇۋاپىق، نالايىق، نامۇناسىپ
ئىش - ھەرىكەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، ماس، دەل كەلمەيدىغان.
باپ كەلگەن ئىشتا پايدا بار. ئۆتكەنكى تەجرىبىنىڭ ھازىرغا مۇۋاپىق كېلىشى ناتايىن. مۇناپىق دوستلۇققا ئەمەستۇر لايىق. ئۆزۈڭگە مۇناسىپ گەپنى قىل، ناباپ دوستتىن ۋاز كەچ. نالايىق ئىش بىر كۈن بولمىسا بىر كۈن بىلىنىدۇ. نامۇۋاپىق ئىش يامان نەتىجە بېرىدۇ. ئۆزۈڭگە نامۇناسىپ ئىشنى قىلما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ماس، مۇناسىپ، توغرا، مۇۋاپىق؛ لايى.
باب كەلمەك.
ئاشپەز ئۇستىلار قازانغا باب ساپلانغان يوغان كەپكۈرلەر بىلەن شويلىنىپ ئوبدان بولۇشى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلماقتا.