Uyghurئاساسىي لۇغەت
مائىت
دۇنيا تارىخى
فىلىپپىندىكى قەدىمكى دۆلەت مىندولو ئارىلىغا جايلاشقان ياكى لۇسۇن ئارىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېيىلىدۇ. سودا تەرەققىي قىلغان. قۇلنى بىللە دەپنە قىلىش ئەۋج ئالغان. مىلادىن 982-يىلى (سۇڭ سۇلالىسى تەيپىەڭ شىڭگونىڭ 7-يىلى) سودا كېمىسىگە مال بېسىپ، جۇڭگونىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىگە ئەۋەتكەن، كېيىن سودا كېمىلىرىنىڭ بېرىش - كېلىشى ئۈزۈلمىگەن. 13 - ئەسىردىكى جاۋ رۇشىنىڭ <چەت ئەللەر تەزكىرىسى>، 14 - ئەسىردىكى ۋاڭ دايۇەننىڭ <يات ئاراللارنىڭ قىسقىچە تەزكىرىسى> ۋە 15 - ئەسىردىكى فېيشىننىڭ <چەمەنلىك ئارال> دېگەن ئەسەرلىرىدە بۇ دۆلەت تىلغا ئېلىنغان.