Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھارام قىلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يېگىلى، ئىچكىلى بولمايدىغان قىلىپ قويماق.
- بوغۇزلاپ قويايلى دېسەم ئۇنىماي كالىنى ھارام قىلدىڭ،- دېدى ئاكام دادامغا.
ئىسراپ قىلماق، يوق قىلماق، بىكار قىلماق.
ئۇ بۇ كۈننى ھارام قىلىشتىن قورقىدۇ ۋە ئۇنى كۆڭۈللۈك بايرام دەپ بىلىدۇ.
يىرگىنچلىك، ئازابلىق نەرسىگە ئايلاندۇرماق.
- سەن بۇ ئىشلىرىڭ بىلەن بۇ شەھەرنى ماڭا ھارام قىلدىڭ، بۈگۈنلا كۆچۈپ كېتىمەن.