Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوۋ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دالىدا ھايۋان، ئۇچار قاناتلارنى تۇتۇش ئىشى.
<قىلماق> بىلەن پېئىللىشىدۇ.
شانىيار ئوۋغا چىقسا، كەينىدىن غوۋغا چىقار. بوينىدىن باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس. شەنبە شىكار، ئازنا بىكار. ئۆتكەن ھەپتە ئۇلانبايغا ئاخوتقا چىقتۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ياۋايى ھايۋانلار، بېلىق، تۈرلۈك قۇش قاتارلىقلارنى تۇتۇش ئىشى، قولغا چۈشۈرۈش، ئولجا ئېلىش پائالىيىتى.
باي ئوۋدىن قايتىپ كېلىپ قارىسا، مال - مۈلكى يوق، چاكىرىمۇ يوق تۇرغۇدەك.
تۈرلۈك يوللار بىلەن تۇتۇلغان، قولغا چۈشۈرۈلگەن ياكى تۇتۇش، قولغا چۈشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنغان. تۈرلۈك ياۋايى ھايۋانلار، بېلىق ياكى قۇش قاتارلىقلار.
ساتتار ئاكا ئوۋ ئىزدەپ، ئېگىز تاغلارغا نەزەر سېلىپ كەلمەكتە ئىدى.
كۆچمە. ئالدانغان، تۇزاققا چۈشۈرۈلگەن كىشى.
تاڭ ئېتىشى بىلەنلا بۇ لەنىتى بۈۋى يەنە كوچىغا چىقىپ، چىرايلىق بىر يىگىتنى ئوۋغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆيىگە ئەكىردى