Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاق بىكرى بېلىق
بىئولوگىيە
ياڭزىجياڭ ئاق بىكرى بېلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كونىچە <پىل بېلىق>، <خارتۇم بېلىق> دېيىلىدۇ. بېلىقلار سىنىپى بىكرىسىمانلار ئەترىتى، ئاق بىكرىلەر ئائىلىسىگە كىرىدۇ. بەدىنى ئۇزۇن، سەل ئۇرچۇقسىمان، تېنى يالىڭاچ، قۇيرۇقى ئەگرى، قۇيرۇق پالاقچىسىنىڭ ئوتتۇرا ياپراقچىسىدا سەككىز دانە تىكەنسىمان قاتتىق تەڭگىچىسى بولىدۇ. بېشى يانتۇ ئۇزۇن بولۇپ، بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. تۇمشۇقى ئالاھىدە ئۇزۇن، خەنجەرسىمان بولۇپ، باش ئۇزۇنلۇقىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئاغزى چوڭ، قورساق تەرەپتە بولۇپ، ياي شەكلىدە، ئۇزىراپ - قىسقىرالايدۇ. ئۈستۈنكى - تۆۋەنكى جاغلىرىدا ئۇششاق، ئۇچلۇق چىشلىرى بار. تۇمشۇق بۇرۇتچىسى بىر جۈپ، قىسقا ھەم كىچىك، قورساق تەرەپكە جايلاشقان. كۆزى كىچىك، ژابرا تۆشۈكى چوڭ، ژابرا قاپقىقى سۆڭىكى يوق. ئومۇرتقىسىدا ئومۇرتقا تەنچىسى يوق. ئىسكىلىتنىڭ كۆپچىلىكى كۆمۈرچەك، كۆمۈرچىلىك، قاتتىق تەڭگىچىلىك بېلىقلارغا كىرىدۇ. دۈمبىسى ۋە قويرۇق پالاقچىسى تۇتۇق كۈل رەڭ، قورساق قىسمى ئاق. دەريالارنىڭ ئوتتۇرا - تۆۋەن قەۋەتلىرىدە ياشايدۇ، ئۈزۈشكە ماھىر. يىرتقۇچ خاراكتېرلىك بېلىقلارغا كىرىدۇ. ئاساسلىق بېلىق يەيدۇ، قىسقۇچ پاقا، راكلارنىمۇ يەيدۇ. كۆپىيىش مەزگىلى تەخمىنەن 3 - 4 - ئايلاردا، يېتىلگەن تۇخۇمى قارامتۇل كۈل رەڭ، دانىسى چوڭ. بەدەن ئېغىرلىقى 30 - 35 كىلوگرام كېلىدىغان چىشى بېلىقنىڭ بوغازلىق تۇخۇم مىقدارى 200 مىڭ دانىدىن ئارتۇققا يېتىدۇ. ئاق بىكرى بېلىقى مەملىكىتىمىزدىكى ئالاھىدە بولغان چوڭ تىپتىكى ئىقتىسادىي بېلىقلاردىن ھېسابلىنىدۇ. خاتىرىلەرگە قارىغاندا ئەڭ چوڭلىرى يەتتە مېتىرغا يېتىپ ئادەتتە ئىككى مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. چاڭجياڭنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىملىرىدىن چىقىدۇ، بىراق سانى كۆپ ئەمەس. گۆشى ھەم تۇخۇمىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ شەرقىدىكى چوڭ دەريا ۋە كۆللەردە ياشايدىغان قوشۇق تۇمشۇقلۇق بىكرى بېلىقى (Polyodon spathula) ئاق بىكرى بېلىقىغا يېقىن كېلىدىغان بىردىنبىر تۈر ھېسابلىنىدۇ.