—مەنبە
كۆۋرۈك قارتا
تەنتەربىيە تۈرلىرى
كۆۋرۈك قارتا سان خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان بىر خىل تەنتەربىيە تۈرىدۇر. تۆت ئادەم ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ قارشىلىشىپ مۇسابىقىلىشىدۇ ياكى تۆت ئادەم بىر كوماندا بولۇپ تەشكىللىنىپ، قوشما مۇسابىقە ئېلىپ بارىدۇ. مۇسابىقە كوزىر ئاتاش ۋە ئويۇنغا چۈشۈش باسقۇچلىرىغا بۆلۈنىدۇ. كوزىر ئاتاش باسقۇچىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسىسى سانلارغا قارتىنىڭ رەڭ شەكلىنى قوشۇشتىن ئىبارەت (كوزىرسىز) ئاددىي فورمىدا ئۆزئارا ئۇچۇر يوللىشىش ئارقىلىق ئۆزىگە پايدىلىق، قارشى تەرەپكە پايدىسىز توختامغا ئېرىشىپ، ئىككىنچى باسقۇچنىڭ نىشانى قىلىدۇ؛ ئويۇنغا چۈشكەندە، ھەرقايسىسى پىشىپ يېتىلگەن قارتا ئويناش تېخنىكىسىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆز توختامىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ياكى قارشى تەرەپنىڭ توختامىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئەڭ كۆپ نومۇرنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە مۇسابىقىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ.
كۆۋرۈك قارتا17 - ئەسىردە ئەنگلىيە پۇقرالىرى ئارىسىدا تارقالغان خويىستا قارتا ئويۇنىدىن كېلىپ چىققان. بۇ خىل قارتا ئويۇنى18 - ئەسىردىن باشلاپ ئەنگلىيىدىكى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقان، كېيىن تەدرىجىي ھالدا ھازىرقى زامان كۆۋرۈك قارتىسىغا ئۆزگەرگەن.20 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرى ئامېرىكىلىق كاپسۇن كۆۋرۈك قارتىنىڭ بىر يۈرۈش خەلقئارالىق مۇسابىقە قائىدىسىنى ئىجاد قىلىپ تۈزۈپ چىققان، ئۇنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قارتىچىلىرى ئېتىراپ قىلغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كۆۋرۈك قارتا بىر خىل تەنتەربىيە تۈرى بولۇپ قالغان.1958 - يىلى دۇنيا كۆۋرۈك قارتا بىرلەشمىسى نورۋېگىيىنىڭ ئوسلو شەھىرىدە قۇرۇلۇپ، «بېرمودا لوڭقىسى» كۆۋرۈك قارتا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، ئولىمپىك كۆۋرۈك قارتا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە «ۋېنېتسىيە لوڭقىسى» كۆۋرۈك قارتا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (ئاياللارنىڭ) نى قەرەللىك ئۆتكۈزۈپ تۇرغان ھەمدە قارتىچىلارنىڭ مۇھىم خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردىكى نەتىجىسىگە ئاساسەن ئالاھىدە ماھىر، دۇنيا ماھىرى ۋە خەلقئارالىق ماھىرلارنىڭ دەرىجە ناملىرىنى تۇرغۇزغان.
ئېلىمىزدا كۆۋرۈك قارتا پائالىيىتىنىڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىسى تۈرىگە كىرگۈزۈلۈشى يېقىنقى10 نەچچە يىلدىكى ئىش.1979 - يىلى جۇڭگو كۆۋرۈك قارتا جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، تەشكىللىك ھالدا مەملىكەت خاراكتېرلىك كۆۋرۈك قارتا مۇسابىقىلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ھەمدە خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە ماھىرلارنى ئەۋەتكەن.