Uyghurئاساسىي لۇغەت
نان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
نان:
ھەمە بۇتلارنى ئېلىپ كارۋان،
ئانىڭ سەئىيگە بەرگۈسى ئاشۇ نان.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
نان، بىراۋدىن كۆرگەن ئېھسان ۋە ھۆرمەت؛ نان تەپكۈلۈك - نانكورلۇق، تەكەببۇرلۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خېمىردىن تەييارلىنىپ، تونۇردا، تاۋىدا پىشۇرۇلىدىغان ئاساسىي يېمەكلىك.
چىش بولمىسىمۇ بار يېيىشكە ئىمكان، زور مۇسىبەتتۇر گەر بولمىسا نان. ھۇرۇننىڭ نېنى ئىككى بولماس. چاي بولمىسا بولمىسۇن، كاكچا كەم بولمىسۇن. ئاشنى بۇزۇپ ئۇماچ قىلدى، ناننى بۇزۇپ كۆمەچ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
خېمىردىن تەييارلىنىدىغان، تونۇر، ئوچاق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگە يېقىپ ياكى قازان، دۇخوپكا قاتارلىقلارغا سېلىپ پىشۇرۇلىدىغان يېمەكلىك.
كۆچمە. ئومۇمەن يەپ - ئىچىلىدىغان، ياشاش ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈر نەرسىلەر؛ پايدا.
- ئەمدىلا ئازراق نان تېپىۋىدىم،- دېدى ئۇ ئېغىر خورسىنىپ قويۇپ، - بۇ چاتاقنىڭ چىققىنىنى قارىمامسەن.