Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
گدىنىيە
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
格丁尼亚
gé dīng ní yà
دۇنيادىكى شەھەرلەر
格丁尼亚
gé dīng ní yà
پولشانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى گدانىسكى قولتۇق بويىغا جايلاشقان شەھەر. ئۇنىڭ بىلەن گدانىسكى شەھىرى ئارىلىقى 20 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 225 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇ جاي ئەسلى كىچىك بىر بېلىقچىلىق يېزىسى بولغان، يېقىن ئەتراپىدىكى ئورۇنلارنىڭ سۈيى چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە خېرىرىم ئارىلى دېڭىز دولقۇنلىرىنى توسۇپ تۇرغانلىقتىن، پاراخوتلارنىڭ كېلىپ توختىشىغا قولاي شارائىت يارىتىلغان. شۇڭا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن پولشانىڭ دېڭىزدىكى بىردىنبىر قاتناش ئېغىزى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلىپ، مال يۆتكەش مىقدارى جەھەتتە شىتىدىن پورتىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندىكى پورتقا ئايلانغان. بۇ جايدىن كۆمۈر، ياغاچ ماتېرىياللىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ، ھازىر گدانىسكى، سوپوتلار بىلەن بىرلىشىپ ئۈچ شەھەر بىرلەشمىسىگە ئايلاندى. گدىنىيە پولشانىڭ مۇھىم بېلىقچىلىق بازىسى، مۇھىم كېمىسازلىق مەركەزلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شەھەردە يەنە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قەغەز ھەم كىيىم - كېچەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.