Uyghurئاساسىي لۇغەت
بالىلار باغچىسى
جۇڭگونىڭ باغ-ئورمانچىلىقى
بالىلار باغچىسى بالىلار - ئۆسمۈرلەر مەدەنىيەت، مائارىپ، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان باغ - ئورمانلىق سورۇنىدۇر. كۆلىمى چوڭراق بالىلار باغچىلىرىدا ھەر خىل توپ مەيدانى، ئويۇن مەيدانى، سۇ ئۈزۈش كۆلى، ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقلار مەيدانى، توسۇقلۇق پائالىيەت مەيدانى، باغۋەنچىلىك مەيدانى، ئۆسمۈرلەر پەن - تېخنىكا سارىيى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش سارىيى، كۇتۇپخانا ۋە ماگىزىن قاتارلىق مۇلازىمەت، باشقۇرۇش مۇئەسسەسەلىرى بولىدۇ.
داڭلىق موسكۋا دزېرژىنسكى بالىلار باغچىسىنىڭ كۆلىمى35 گېكتار كېلىدۇ، ئەتراپى بۈك - باراقسان قويۇق ئورمان بىلەن قاپلانغان، ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە ئىشىكىدىن بەشى بار، باغچىدا دەل - دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان چوڭ - كىچىك يوللار، كەڭ ئوت - چۆپلۈك ۋە ھەر خىل گۈل - گىياھلار بار. بالىلارغا ماس كېلىدىغان ھەر خىل مەدەنىيەت، مائارىپ، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەت سورۇنلىرى گۈزەل يېشىللىققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. پۈتۈن باغچە ئاساسلىق دەرۋازا، ئۆسمۈرلەر سارىيى، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار پائالىيەتخانىسى، تىنچ پائالىيەتخانا، ئاممىۋى پائالىيەتخانا، تەنتەربىيە سارىيىدىن ئىبارەت ئالتە رايونغا بۆلۈنگەن. بۇلار گەرچە بىر - بىرىگە پۇتلىكاشاڭ قىلمايدىغان قىلىنىپ ئۆزئارا ئايرىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى باغ يوللىرى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.
بەزى بالىلار باغچىلىرىدا كۆپىنچە ھاللاردا مەلۇم بىر خىل پائالىيەت ئاساسىي مەزمۇن قىلىنىدۇ. مەسىلەن، خاربىن بالىلار باغچىسىنىڭ ئاساسلىق مۇئەسسەسەسى2 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بالىلار تۆمۈريولى بولۇپ، بۇ تۆمۈريول باغچىنى بىر ئايلىنىپ چىقىدۇ، پۈتۈن لىنىيىدە «بېيجىڭ» ۋە «خاربىن» دىن ئىبارەت ئىككى بېكەت تەسىس قىلىنغان، بۇ تۆمۈريولدا قاتنايدىغان كىچىك پويىزغا300 دىن ئارتۇق ئادەم سىغىدۇ، پويىز ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېل ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدۇ. تۆمۈريول قاتنىشىنى رەسمىي قائىدە بويىچە10 ياشتىن13 ياشقىچە بولغان «كىچىك خىزمەتچى» لەر ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان ئېسىل پەزىلىتى يېتىلدۈرۈلىدۇ. بۇنداق بالىلار باغچىسى ياپونىيىدە ناھايىتى ئومۇملاشقان بولۇپ، «قاتناش باغچىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
دۇنيادا يەنە ھەر خىل ئۆزگىچە بالىلار باغچىلىرىمۇ بار. مەسىلەن، دانىيىدىكى روگولانت سۈنئىي ئورمان باغچىسى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ بالىلار باغچىسى بولۇپ، كۆلىمى50 گېكتار كېلىدۇ، بالىلار ترامۋايغا ئولتۇرۇپ پۈتۈن باغچىنى تاماشا قىلالايدۇ، ترامۋايدا كېتىۋېتىپ يەنە دەل - دەرەخلەر ئارىسىدا ئويناپ يۈرگەن زىراپە، تاغىل ئات، پىل، پىنگۋىنلارنى...، سۇدا ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىق قاتارلىقلارنى كۆرۈپ كۆڭلىنى ئاچالايدۇ. ئىشقىلىپ باغچىدا ھەممە ھايۋانلار دېگۈدەك بار بولۇپ، بەئەينى تەبىئىي ھايۋانات باغچىسىغا ئوخشايدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سۈنئىي مودېللاردۇر.
گوللاندىيىنىڭ دېڭىز بويىدىكى سىسۋىنز دېگەن يەردە مادۇرادان شەھىرى دەيدىغان بىر مودېل شەھەر بار، بۇنىمۇ ئۆزگىچە بالىلار باغچىسىنىڭ تىپىك مىسالى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ بالىلار باغچىسىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاغ - دەريالار ۋە داڭلىق ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇئەييەن نىسبەت بويىچە كىچىك مودېل ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە ئويۇنچۇق شەھىرىگە ئايلاندۇرۇلغان، ھەممە نەرسە راستتەكلا كۆرۈنىدۇ. بالىلار ساينت جون چېركاۋىدا تۇرۇپ تەڭگە پۇل تاشلىسا، باغچىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ، ئالتە، يەتتە مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىشىكتىن روھانىيلار چىقىپ ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ، »پۈتۈن مەملىكەت« نى بىر سائەتتە ساياھەت قىلىپ بولغىلى بولىدۇ.
ياپونىيىدىمۇ بەزى ئالاھىدە باغچىلار بار، مەسىلەن، توكيونىڭ ئوتا رايونىدىكى «چاق باغچىسى» دىكى ھەممە نەرسە، جۈملىدىن تام، ئورۇندۇق، ئىلەڭگۈچ، ئەلئېھرام، غەلىتە مەخلۇق، ماشىنا ئادەم ... دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى كونا چاقلاردىن ياسالغان. باغچىغا يەنە بالىلارنىڭ ئوينىشى ئۈچۈن3000 تال كونا چاق قويۇپ قويۇلغان، بالىلار تەسەۋۋۇر كۈچىگە تايىنىپ بۇ چاقلار ئارقىلىق ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينايدۇ.