Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەھۋال
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىرلىكى: ھالەت. ھالەتلەر، ھاللار، ئەھۋال.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھال - ئەھۋالىنىڭ، تۇرمۇشنىڭ شۇ زامان، شۇ ماكاندىكى ئوتتۇرىچە ھالىتى.
قەدىر ئەھۋال ئۆتۈۋاتىمىز. تۇرمۇشمىز يامان ئەمەس. بازار نەرخى كۈن كۆرۈۋاتىمىز. ئەل قاتارى كېتىپ بارىمىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۇرمۇشتا روھى ۋە جىسمانىي شارائىت.
ھالىم خاراپ. ھالىم پەرىشان، كىيگىنىم تېرە ئىشتان. كىشىنىڭ ھالىغا كىشى يەتمەس. دۈشمىنىڭگە ھال ئېيتما، كۈلگىسى كېلىدۇ. تۇرغۇن ھالەتنىڭ دەردى كۆپ. ئۆيۈڭنىڭ ئەھۋالىنى قوشناڭدىن سورا. ۋەزىيەتنى كۆزىتىشنى ئۆگەن، ۋەزىيەت تەقەززاسىدىن كېيىن قالما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەۋجۇت بولغان ياكى يۈز بەرگەن ھالەت، پەيدا بولغان كەيپىيات، ۋەزىيەت.
ئىنقىلاب دەۋرىدە ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى تېز بولىدۇ.
تۇرمۇش شارائىتى، ھال - ئەھۋالى، كۈنى.
ئۆي ئەھۋالى.
ئۆيۈڭدىكى ئەھۋالنى قوشناڭدىن سورا (ماقال).