Uyghurئاساسىي لۇغەت
بوداق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەت توغرىسىدا ئالدىنئالا قىلىنغان تەخمىنىي مۇلاھىزە.
مىڭ پەرەزدىن بىر پاكىت ئەلا. «قىياس» تىن بىر نەچچىسى چىقسا، شەھەرنى بوتۇلكىغا تىققىلى بولىدۇ. ئادەم ئۆزىنىڭ بىلەم جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىنى يوشۇرۇشقا ھەرگىز ئۇزۇنماسلىق لازىم. ئىنتايىن يۈرەكلىك بىلەن قىياس ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق يوشۇرۇنۇشقىمۇ بولمايدۇ. مىڭ خىل مۆلچەر بىر پاكىتقا تەڭ كەلمەيدۇ. مولجال بەزىدە دەل چىقىدۇ. چامامدا بۇ ئىش ئەتە پۈتەر. تەخمىن تەختىنى غۇلىتىدۇ، ئۆزىگە ھېچگەپ كەلمەيدۇ. ئوناق ئوناققا كەلمىدى، ئارقىدىكى يەر قوناققا كەلمىدى.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
قىياس، مۆلچەر، پەرەز. مەسىلەن: ئۇ ئويلاپ باشقىچە بىر بوداققا كەلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر نەرسىنىڭ مىقدارى، ھالىتى توغرىسىدا قىلىنغان مۆلچەر، پەرەز.
بوداق بوداققا كەلمەك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
دەرەخنىڭ شاخسىز قىسىمى؛ قوۋزاقلىرى چىقىپ كەتكەن كۆرۈمسىز، قوپال يېرى.