Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئات
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مىنىلىدىغان، ھارۋا، چانا ۋە قوش، خامانلارغا قوشۇلىدىغان ئىش ھايۋىنى، يىلقا.
ئاتچى، ئاتباقار، ئات كۈچى. * ئات يىلى. * ئات توپى، ئات ئويۇنى. * ئات - ئۇلاغ، ئات - ھارۋا. * ئات يىلىدىن ئېشەك يىلىغىچە. * ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ (ماقال). * ئات ئايلىنىپ قوزۇقىنى تاپار (ماقال). * ئاتتىن چۈشسىمۇ، ئۈزەڭگىدىن چۈشمەپتۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1. ئادەم ۋە شەيئىلەرگە قويۇلغان ئىسىم. نام.
ئات توپى، ئات قويماق، ئېتىنى ئاتىماق. * ئېتىڭىز نېمە؟ بۇ چۆپنىڭ ئېتى نېمە؟ * ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا (ماقال). * ئېتىڭ ئۆچسۇن، كۈلۈڭ كۆچسۇن (قارغىش).
2 . ئاتاق، داڭق. ئالتىغا ئېلىپ، بەشكە ساتماق، ئېتىڭ چىقسۇن سودىگەر (ماقال). * ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق (ماقال). * ئات كۆتۈر ياخشى بىلەن، سۇ كۈتەر بالداق بىلەن (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئاتماق، ئېتىش. 1. چۆرىمەك، تاشلىماق، ئىرغىتماق، جىغىماق.
مازارغا چالما ئاتماق. * دوپپىسىنى ئاسمانغا ئاتماق. * پوققا چالما ئاتما، يۈزۈڭگە چاچرايدۇ (ماقال).
2 . قورال - ياراغدىن ئوق ئۈزمەك، نىشاننى يارىدار قىلماق ياكى ئۆلتۈرمەك. ئادالەتسىزلىككە ئاتقان ئوقۇڭ ئادالەت (ماقال). * ئاتالمىغاننىڭ ئوقى ئالتە غۇلاچ كېتەر (ماقال). * ئۇستا ئوۋچى شىر ئاتار، قاۋۇل دېھقان بوز ئاچار (ماقال). * ئاتىسى ئاتالمىغان قوڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ تۇڭگۇزنى (ماقال).
3 . ئۇرماق. چاپانلىققا مۇشت ئات، جۇۋىلىققا تور كەتسۇن (ماقال).
4 . تىتماق، پارچىلىماق. ئالتە ئاي ئاتقان پاختام بىر چاپانغا يەتمەپتۇ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
بەزى ئىسىملارنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
قاش ئاتماق، تاڭ ئاتماق.
«ئات» تىن بىر تۇيۇق:
قالدۇرۇشنى ئويلىساڭ گەر ياخشى ئات،
سەن يامانلىق ئىللىتىنى ئوتقا ئات.
ساغرىسىغا قامچا يەمدۇ يۈرسە يول،
مەنزىلگە يەتكۈچە، بىر ياخشى ئات.
_ ئابدۇكېرىم مەخسۇت.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
<ئاد>غا قاراڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە شەيئىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، ئۇلارنى بىر - بىردىن پەرقلەندۈرىدىغان ئاتاش.
ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا. ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق.
قارا ئىسملىك. نامزاتلار ئىسىملىكى. ئىسمى بار، جىسمى يوق. ئىسمى جىسمىغا لايىق. نامدا بار، ئەمەلدە يوق. چاۋىسىنى چىتقا يايماق. تۇتقىن قانۇن ئاغىرلىق،يادسۇن چاۋىڭ بۇرۇنغا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
توم توياقلىقلارغا مەنسۇپ، سۈت ئەمگۈچى چوڭ ئىش ھايۋىنى.«يىلقا» بىر ئۈيۈرگە قارىتىلغان. «ئۇلاغ» باشقا ئىش ھايۋانلىرىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئات ئازسا تايغا ئەگىشەر. ھايۋانىڭ تۇمانلارى، يىلقىنىڭ غۇنانلارى. سۇ دېسەم شاراب بەرگەن قەشقەرنىڭ جۇۋانلارى. ياخشى دېھقان قامچىسىنى قاقىدۇ. كۆلۈك بولمىسا، كۆچىمەن دېمە. 4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنىدا 150 بالا 150 تۇتىغا مىنىپ كۆرەكتىن ئۆتتى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئات.
(«ا - ئېلىف» قاتتىق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) «قۇش قۇش قاناتىن ئەر ئاتىن _ قۇش قانىتى بىلەن، ئەر ئېتى بىلەن» دېگەن ماقالدىكىگە ئوخشاش.
1 - 48
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئات، ئىسىم.
1 - 107
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
لەقەم، ئۇنۋان.
بەگ ئاڭار ئات بەردى _ بەگ ئاڭا ئۇنۋان بەردى. قەبىلىنىڭ چوڭلىرى « ئاتىغ» دېيىلىدۇ.
1 - 108
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرى
ئات - ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەڭ دەسلەپ قولغا ئۆگىتىلگەن ھايۋانلارنىڭ بىرى. ئاتنىڭ كۆندۈرۈلۈشى كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئېنىق. كۆپلىگەن ئارخېلوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاتلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن تارقالغان. ئاتنى كۆندۈرۈشمۇ ئەڭ ئاۋۋال مۇشۇ رايوندىن باشلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ رايوندا باشلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ رايوندا تارىختىكى «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى» دەپ ئاتالغان مەدەنىيەت دەۋرى بارلىققا كەلگەن.
ئات يالغۇز چارۋىچىلىق ئىگىلىكىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىردىنبىر ئىشلەپچىقىرىش قورالى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دېھقانچىلىق ئىگىلىكىدىمۇ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىق قورالدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار قەدىمدىن باشلاپ ئاتنى ئىنتايىن ئۇلۇغلاپ كەلگەن. قەدىمدىن باشلاپ ئاتنى ئىنتايىن ئۇلۇغلاپ كەلگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر ئېپوسلىرىدا ئاتنىڭ ئوبرازى ھەممىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ. «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدا ئاتمۇ خۇددى «كۆك يايلىلىق بۆرە» گە ئوخشاش مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن ۋە ئىلاھىيلاشتۇرۇلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى پالچىلىق كىتابى «ئىرق پۈتۈك» تە ئات ئومۇمەن ياخشىلىق، بەختنىڭ بەلگىسى قىلىنغان. ئۇنىڭدىن تاشقىرى خەلقىمىز ئارىسىدا قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە «دۇلدۇل» ھەققىدە ناھايىتى كۆپ قىزىقارلىق ئەپسانە- رىۋايەت ۋە چۆچەكلەر ئېقىپ يۈرمەكتە، دۇلدۇل چۈشەنچسى ۋە ئېتىقادى ماھىيەتتە ئاتنىڭ ئىلاھىيلاشتۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئات ھەقىقەتەن ھەممە ھايۋانلاردىن كۈچلۈك ۋە ئەقىللىق. بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىلا ئاتنىڭ ئاشۇ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ قانىتى دەپ ھېسابلىغان، قەدىمكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىلا ئاتنى ئۇلۇغلاش ئېتىقادى تۈپەيلىدىن تەڭرىقۇت ياكى سەركەردىلەر ئۆلسە، ئۇلارنىڭ مىنىدىغان ئېتىنىمۇ قوشۇپ بىرگە دەپنە قىلىش ئادىتى بولغان. كۆپلىگەن ئۇيغۇر قەبرىستانلىقلىرىدا ئاتنىڭ باش سۆڭىكىنى مەڭگۈ تاش ئورنىدا بېكىتىپ قويۇش ئادىتى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. قەدىمكى دەۋرلەردە يەنە خەلقىمىز ئاتنى مۇقىم پۇل بىرلىكى ئورنىدا ئىشلەتكەن.
ئۇيغۇرلار ئاتنى ھەقىقەتەن قەدىرلەيدۇ، ئاتنى ئۇرۇش ياكى خارلاشنى ئەڭ چوڭ گۇناھ دەپ قارايدۇ، ئۇلار ئاتنى مەخسۇس ئېغىلدا ئەتىۋارلاپ باقىدۇ. ئات ئېغىلىغا پات - پات ئىسرىق سېلىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ مىنىدىغان ئاتنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇنداق ئاتلارنى داۋاملىق ئۆستەڭلەرگە ئاپىرىپ يۇيۇپ - تاراپ تۇرىدۇ. يۈگەن، ئېگەر جابدۇقلىرىنىمۇ خىللاپ، ئاتقا تېخىمۇ سالاپەت كىرگۈزىدۇ. ھارۋىغا قاتىدىغان ئاتلارنى ئالاھىدە بېزەيدۇ. ئات گۆشى يېيىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىدا گەرچە مەنئى قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاتنى ئۆلتۈرۈپ يېيىش ئومۇملاشمىغان. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئات گۆشىنى ئاساسەن يېمەيدۇ.
دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بۈگۈنكى كۈندە قاتناش ئىشلىرى ئاساسەن ماشىنىلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئات ئۆزىنىڭ رولىنى يوقاتقىنى يوق. بەلكى يېزا - قىشلاقلاردا ھەتتا شەھەرلەردە ئات ھارۋىلىرى ئاساسلىق قاتناش قورالى سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقتا. خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، تۇرپان قاتارلىق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردە كىرا ماشىنىلىرى بىلەن بەس - بەستە قاتناۋاتقان كۆركەم ئات ھارۋىلىرى ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن چەت ئەللىك ساياھەتچى دوستلارنىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا. (ئا)
ھايۋاناتلار دۇنياسى
1000 ئەمىنىيە دەۋرىدە چى خۇەنگۇڭ قوشۇن تارتىپ دۈشمەننى قوغلاپ بېرىپ بىر ئېزىتقۇ جىلغىغا كىرىپ قالىدۇ. گۇەنجۇڭ: قېرى ئات ئالدىدا يول باشلىسا بەلكىم چىقىپ كېتەلىشىمىز مۇمكىن، دەپتۇ. چى ۋاڭ بىرقانچە تۇياق قېرى ئاتنى تاللاپ، ئالدىدا ماڭغۇزۇشقا بۇيرىغانىكەن، دېگەندەك ئېزىتقۇ جىلغىدىن چىقىپ كېتەلەپتۇ.
نېمە ئۈچۈن قېرى ئات يولنى پەرق ئېتەلەيدۇ؟ چۈنكى، ئاتنىڭ پۇراش سېزىمى ۋە ئاڭلاش سېزىمى ناھايىتى ئۆتكۈر، پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. ئاتنىڭ يۈزى ئۇزۇنچاق، بۇرۇن بوشلۇقى چوڭ ھەمدە ئىككى بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. بىر بۆلىكى بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئارقا ئۈستى تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ قىسمىدا چوڭ مېڭىنىڭ پۇراش نېرۋىلىرىنىڭ ئۇچلىرى زىچ جايلىشىدۇ، ئۇ يەردە پۇراش نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ، شۇڭا، پۇراش سېزىمى ئالاھىدە تەرەققىي قىلىدۇ. يەنە بىرى، بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئالدى قىسمىغا جايلاشقان نەپەسلىنىش بۆلىكى بولۇپ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ توپا - توزان، يات نەرسىلەرنىڭ نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ. ئاتنىڭ دائىم چۈشكۈرۈپ تۇرۇشى بۇرۇن بوشلۇقىدىكى يات نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈندۇر. ئۇ، نەپەس يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۇراش سېزىمىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى ساقلايدۇ. شۇڭا، ئات نەپەسلىنىش جەريانىدا پۇراش نېرۋا ھۈجەيرىلىرى يەم - خەشەك، سۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى - يامانلىقىنى پەرق ئېتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نىشاننى پەرق ئېتىش، يول تېپىش فۇنكسىيىسىمۇ بولىدۇ. ئوتلاقلاردىكى ئاتلار ھەتتا ئاتموسفېرادىكى مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولىدىغان سۇ پارى ئارقىلىق بىرقانچە چاقىرىم يىراقلىقتىكى سۇ مەنبەسىنى تاپالايدۇ.
ئاتنىڭ قۇلاق سۇپۇرىسىمۇ چوڭ، قۇلاق مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان، قۇلىقىنى خالىغانچە بۇرىيالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتنىڭ قۇلىقى ئۇنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسىغا جايلىشىدىغانلىقى ئۈچۈن يىراقلاردىكى ئاۋازنى ئاڭلىيالايدۇ. ئاتنىڭ ئىچكى قۇلىقىدا بىر خىل ئالاھىدە »ئەگرى - بۈگرى سەزگۈچى ئاپپارات« بولىدۇ. ئالىملارنىڭ سىناق قىلىپ كۆرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل سەزگۈچى ئاپپارات بىر خىل ئالاھىدە »كومپاس« بولۇپ، خۇددى ئادەمنىڭ كۆزىگە ئوخشاش ھەرىكەت قىلىش يۆنىلىشىنى ۋە ئەتراپ مۇھىتتىكى جىسىملارنىڭ يىراق - يېقىنلىقىنى پەرق ئېتەلەيدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتنىڭ ئاڭلاش سېزىمى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھەر خىل سىگناللارنى مەسىلەن، ئاۋازنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى، خۇسۇسىيىتى (تېمبرى)، ئىنتوناتسىيىسى قاتارلىقلارنى سېزەلەيدۇ، يەنە باشقا ئاتلارنىڭ كىشنەش ئاۋازىغا قاراپ جىنسىنى ۋە ھەمراھىنى پەرق ئېتەلەيدۇ. ئاتنىڭ پۇراقنى ۋە ئاۋازنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدىغانلىقى ئۈچۈن يولنى پەرق ئېتىش ۋە ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارى ئۈستۈن. بىرقانچە يىل ئايرىلىپ كەتكەن يۇرتىنى ئېسىدە ساقلاپ، بىرقانچە100 چاقىرىم يەردىن قايتىپ كېلەلەيدۇ.
ئات يۈگۈرۈشكە ماھىر ئۆي ھايۋىنى، ئاتنىڭ تۇيىقى بولغانلىقى ئۈچۈن تېز يۈگۈرەلەيدۇ. ئاتنى تاقىلاپ قويسا، تۇيىقى ئۇپراپ كەتمەيدۇ، شۇڭا تېخىمۇ تېز يۈگۈرەيدۇ، ئۇنىڭ »تۇلپار« دېگەن نامى بار.
ئات ئىنسانلارنىڭ ھەمراھى ۋە دوستى. كىشىلەر ئاتنى خېلى بۇرۇنلا يەر ھەيدەش، ترانسپورت، ئۇرۇش قىلىش، ئوۋ ئوۋلاش، مال بېقىش، كۆڭۈل ئېچىش، ئېكسپېدىتسىيە قىلىش، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە سېلىش قاتارلىق ئىشلارغا سېلىشقا باشلىغان. ئات گۆشىنىڭ ئىستېمال قىلىنىش قىممىتى يۇقىرى؛ سۆڭىكىدىن ياريېلىم ئالغىلى بولىدۇ؛ تېرىسىدىن خۇرۇم پىششىقلاپ ئىشلەشكە بولىدۇ؛ ياللىدىن ئىسكىرىپكا تارىسى ئىشلىنىدۇ؛ تېزىكى بىلەن گۈمبىمەدەك (موگۇ) ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ. ئاتنىڭ قېنىدىن تېتانۇس (قاتما) قا قارشى ئانتى توكسىن تەييارلاشقا بولىدۇ.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
بىزگە مەلۇمكى، قەدىمكى ئۇيغۇرلار كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ھالدا تۇرمۇش كەچۈرگەن. قەدىمكى دەۋرلەردە چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ قوشنىلىرى بىلەن ئالماشتۇرىدىغان ئاساسىي بۇيۇمى ھايۋان ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىدى. ئۇزاق زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھايۋان چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ھەممە تاۋارلارغا باھا قويۇشتا ۋاستىلىك رول ئوينىغان. دېمەك ھايۋان - ئاخىرى بېرىپ پۇلنىڭ رولىنى ئوينىغان.
ئاتنىڭ ئىلمىزدە ھەقىقىي تۈردە پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىشى ئاساسەن ئېلىمىزنىڭ تاڭ سۇلالىسى دۋرىدە باشلانغان بولسا كېرەك. چۈنكى، تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، قەدىمكى ئۇيغۇرلار تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئېلىپ بارغان سودىدا يەنى <ئات - چاي سودىسى> ۋە <ئات - يىپەك سودىسى> دا بىر ئاتنى 40 توپ شايى قىممىتىدە تاڭ سۇلالىسىنىڭ تاۋارلىرىغا ئايرىۋاشلىغان ھەمدە بۇ خىل سودىنى خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە داۋاملاشتۇرغان. بۇنداق سودىنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلاتتى. مىلادى 773 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان سودىدىكى ئاتنىڭ سانى 100 مىڭغا يەتكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
توم تۇياقلىقلارغا مەنسۇپ سۈت ئەمگۈچى يىرىك ئىش ھايۋىنى.
يېيىشلىك ئات ھارماس (ماقال).
قېرىغاندا ئات تېزىكى ئالتۇن كۆرۈنەر (ماقال).
ئاتنىڭ بېشىغا ئوخشىتىپ ياسالغان شاھمات ئۇرۇقى.
ئاتنى ماڭماق.
ئون ئىككى مۆچەلدە يەتتىنچى يىلنىڭ نامى.
ئۇ ئات يىللىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەم ياكى نەرسىلەرگە قويۇلغان مەخسۇس ئىسىم.
ئۇنىڭ ئۆگەي قىزىنىڭ ئېتى ھەجەرخان، ئۆز قىزىنىڭ ئېتى پاتمىخان ئىكەن.
نام، ئاتاق.
ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا (ماقال).
شان - شۆھرەت، ياخشى نام؛ داڭق.
ياخشىدىن ئات قالىدۇ، ياماندىن داد قالىدۇ (ماقال).
<تىل> شەيئىلەرنىڭ نامىنى بىلدۈرۈپ، <كىم؟ نېمە؟> دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بولۇپ كېلىدىغان سۆز تۈركۈمى، <ئىسىم> مۇ دېيىلىدۇ.
ئاتاقلىق ئات. تۈردەش ئات.