English→Uyghurئاساسىي لۇغەت
Sundanese
دۇنيادىكى مىللەتلەر
دۇندىلار
سۇندىلار ھىندونېزىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ <زۇندىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ئاساسەن ياۋا ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون بىلەن جەنۇبىي دېڭىز بويلىرىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 20 مىليون 500 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 14 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
سۇندىلار موڭغۇل ئىرقىنىڭ مالاي تىپىغا كىرىدۇ؛ جەنۇبىي ئاراللار تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە سۇندى تىلىنى قوللىنىدۇ. سۇندىلارنىڭ بۇرۇن ياۋا ھەرىپى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بولغان، كېيىن لاتىن يېزىقىغا ئۆزگەرتكەن، سۇندىلار ھىندونېزىيە تىلىنىمۇ بىلىدۇ.
سۇندىلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئانىمىزملىق ئېتىقادىنى ھېلىمۇ ساقلاپ قالغان.
سۇندىلار ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ دېھقانچىلىقتا شال بىلەن كۆممىقوناق تېرىلىدۇ.
سۇندىلار يېڭى مالايلىقلار ۋە باشقا كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادى.
سۇندىلار مەدەنىيەت، تۇرمۇش ۋە ئۆرپ - ئادەت جەھەتتە ياۋالىقلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.