Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
نادىرخان
دۇنيا تارىخى
纳第尔汗
nà dì ěr hàn
(1883 - 1933) ئافغانىستان باراكزائى خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (1929 - 1933). پادىشاھ جەمەتىدىن. 1903-يىلى ھەبىبۇللا خان (1872 - 1919) نىڭ خانلىق ئارمىيىسى ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكىنىڭ قوماندانى بولغان، كېيىن گېنېراللىققا ئۆستۈرۈلگەن. ئۈچىنچى قېتىملىق ئەنگلاىيە - ئافغانىستان ئۇرۇشىدا ئافغانىستان ئىككىنچى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. ئامانۇللاخان تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، نادىرخان رادىكال ئىسلاھاتقا قارشى تۇرغاچقا دەرىجىسىنى تۆwەنلىتىپ، فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى قىلىنغان. كېيىن ئۇ كېسىلىنى باھانە قىلىپ ئىستېپا بەرگەن. 1929-يىلىنىڭ باشلىرىدىكى پاچچە ساچوۋ قوزغىلىڭىدا ئامانۇللاخاننى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، نادىرخان ھىندىستاندىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، شۇ يىلى 10-ئايدا پاچچە ساچوۋ قوزىغلىڭىنى باستۇرۇپ، ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلىغان. ئىچكى جەھەتتە ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىپ، باش ۋەزىر تەيىنلىگەن ۋە پادىشاھ ئىچكى كابىنېتى تەشكىللىگەن. ئىسلام دىنى ئەقىدىسى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. تاشقى جەھەتتە ئەنگلاىيىگە يېقىنلىشىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى ۋە تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەكىتلىگەن. 1931-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىتەرەپ تۇرۇش ۋە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان. 1933-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.