Uyghurئاساسىي لۇغەت
پارىژ سۈلھ يىغىنى
دۇنيا تارىخى
(1)بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن پارىژدائۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق سۈلھ يىغىنى (9191-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە قەدەر). بۇنىڭغا ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئىتالىيە قاتارلىق 27 دۆلەت قاتناشقان. جۇڭگو غالىب دۆلەت سۈپىتىدە مەزكۇر سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. سوۋېت روسىيىسى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنمىغان. يىغىننى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان، كەسكىن تالىشىش ئارقىلىق، <ۋېرسال شەرتنامىسى>، <خەلقئارا ئىتتىپاقداش ئەھدىنامىسى> ئىمزالىغان، يەنە مەخپىي ھالدا سوۋېتروسىيىسىگە قوراللىق ئارىلىشىش، سوۋېت روسىيە زېمىنىنى بۆلۈشۈۋېلىش پىلانى تۈزۈلگەن.شۇ ۋاقىتلاردا جۇڭگو خەلقى سۈلھ يىغىنىنىڭ ئۇرۇشتىن بۇرۇن گېرمانىيىنىڭ شەندۇڭدىكى ئىمتىيازىنى يولسىزلىق بىلەن ياپونىيىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى سەۋەبلىك، <تۆتىنچى ماي> ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوزغاپ، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سۈلھ شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىشقا مەجبور قىلغان. (2)ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، گېرمانىيەگە قارىتا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى ئىتالىيە، رومىنىيە، ۋېنگرىيە، بۇلغارىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق بەش دۆلەتنىڭ سۈلھ شەرتنامىسى لايىھىسىگە قاراپ چىقىش ئۈچۈن، پارىژدا چاقىرىلغان يىغىن (1946-يىل 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قەدەر). بۇنىڭغا جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە قاتارلىق 28 دۆلەتتىن ۋەكىل قاتناشقان. يىغىن ئامېرىكا، ئەنگىلىيىنىڭ تېررىتورىيە، تۆلەم تۆلەش، ترىيېست، دوناي دەرياسى قاتارلىق مەسىلىلەردە يولسىز تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشى سەۋەبلىك، بەش دۆلەتنىڭ سۈلھ شەرتنامىسى لايىھىسىدىكى بارلىق ماددىلاردا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان. تاكى شۇ يىلى 11-12-ئايلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگىليە، فرانسىيە تۆت دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى نيۇيوركتا يىغىن ئاچقاندىن كېيىنلا، سۈلھ شەرتنامىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى تاماملانغان. 1947-يىل 2-ئاينىڭ 10 - كۈنى پارىژدا بەش دۆلەتنىڭ سۈلھ شەرتنامىسىگە ئايرىم ئايرىم ئىمزا قويۇلغان.