Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھاپىز لۈيجاڭ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ھاپىز لۈيجاڭ 1892 - يىلى كۇچاردا تۇغۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچ دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغاندىن كېيىن دادىسىغا ئەگىشىپ قارا شەھەرگە بېرىپ، تىجارەت قىلىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ سودا ئاقساقىلى بولىدۇ ۋە كېيىن ھۆكۈمەت ئىشىغا ئارىلىشىپ، زۇڭجاڭ (شەھەر بېگى) بولىدۇ.
1933 - يىلى توقسۇن قوزغىلاڭچىلىردىن توختى ئېلى ۋە ماچۇەنلەر قوشۇن باشلاپ قارا شەھەرگە باستۇرۇپ كەلگەندە، ھاپىز زۇڭجاڭ قوزغىلاڭچىلارغا قاتنىشىدۇ. قارا شەھەر ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ھاپىز زۇڭجاڭ توختى ئېلى تۇەنجاڭ تەرىپىدىن يىڭجاڭلىققا ئۆستۈرۈلىدۇ. توختى ئېلى شېڭ شىسەي بىلەن بولغان توقسۇندىكى ئۇرۇشتا يېڭىلىنىپ قولغا چۈشۈپ، قوماندان فۇچوەن قولىدا ئۆلتۈرۈلگەندىن قوشۇنى بىلەن كۇچارغىچە بىللە بارىدۇ، كۇچار، ئاقسۇ ئۇرۇشلىرىدا خىزمەت كۆرسىتىپ تۇەنجاڭلىققا ئۆستۈرۈلىدۇ. تۆمۈر ئېلى قوشۇنى قەشقەرگە بارغاندا، ھاپىزس تۇەنجاڭ لۈيجاڭلىققا ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇ قەشقەردە بولغان مەزگىلدە، يەكەن، خوتەنلەردە خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇش ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىدۇ. تۆمۈر ئېلى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، مەھمۇت مۇھىتى قىسمىدا بولىدۇ، مەھمۇت مۇھىتى چەتكە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، قەشقەردە قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.