Uyghurئاساسىي لۇغەت
رامكا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
رەسىم ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئىچىگە ئېلىپ قويىدىغان تۆت بۇرجەكلىك جازا؛ رام.
شەكلى رامغا ئوخشىتىپ سىزىلغان كاتەكچە، رەسىم ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار.
گېزىتكە بۇ مۇراسىم توغرىسدا رامكا ئىچىگە ئېلىنغان خەۋەر بېسىلىپتۇ.
ئىش - ھەرىكەت، پائالىيەت، ۋەقە - ھادىسە ۋە شۇنىڭدەكلەرنىڭ دائىرىسى؛ چەك، چېگرا، دائىرە.
بۇ جەريانلار ۋە تەپەككۇر ئۇسۇللىرىنىڭ ھېچبىرى مېتافېزىكىلىق تەپەككۇر رامكىسىغا سىغمايدۇ.
كۆچمە. ئاسارەت، چەكلىنىش.
بىز ئىدىيىمىزنى ھەرخىل كونا رامكىلاردىن ئازاد قىلىشىمىز لازىم.