Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئارپا
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئارپا.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئارپاسىز ئات ئاشۇماس ئارقاسىز ئالپ چەرىك سىيۇماس _ ئارپىسىز ئات قىر ئاشالماس. ياردەمچىسىز باتۇر سەپنى يىمىرەلمەس. بۇ ماقال ھەر ئىشتا ئۆزئارا ياردەملىشىشكە دەۋەت قىلىپ ئېيتىلىدۇ.
1 - 167
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ئارپىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ،
يوپۇرمىقى كەڭ ھەم يىپسىمان بولىدۇ، دېنىنىڭ شاكىلىدا ئۇزۇن قىلتىرىقى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان دېنى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ۋە ئۇن تارتىپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
قورۇش، تۇتۇش، قان ۋە سەپرانىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، چىراينى پارقىرىتىش، قىزىتما
قايتۇرۇش، ئۇسسۇلۇقنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاقلانغان ئارپىنى سۇدا قاينىتىپ، سۈزۈپ، سوۋۇتۇپ ياكى ئىلمان ھالەتتە ئىچىپ بەرسە، قان ۋە سەپرانىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىپ، ئىسسىق
تەپ ۋە باشقا ئىسسىقتىن بولغان كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاقلانغان ئارپىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىپ، ئۆتكۈر ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ.
ئارپا قايناتمىسىغا چىلان، سەرپىستان، ئەنجۈر، پىرسىياۋشان قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، جۈدەتكۈچى قىزىتما ۋە سىل كېسەللىكىگە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارپىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا كۆكنار قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، كۆكرەك ئاغرىقى، قۇرۇق يۆتەل ۋە ئىسسىقتىن
بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
50 گرام ئارپىنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا زاراڭزا قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، بەلغەم بوشىتىپ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ.
ئارپا يارمىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سەپرادىن بولغان ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارپا سۈيى بىلەن گالنى چايقاپ بەرسە، گال ئىششىقىنى قايتۇرۇپ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
ئارپا ئۇنىدا خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، ئىششىق قايتۇرىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئارپا ئۇنىنى يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، سىل، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، قولتۇق ئاستى ئىششىقى، ئەمچەك ئاغرىقى،
قۇلاق ئارقىسى ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارپا ئۇنى ۋە خۇبباز ئۇرۇقىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، قۇلاق ئارقىسى ئىششىقى، سىل، كۆكرەك پەردە ياللۇغى،
قولتۇق ئاستى ئىششىقى ۋە ئەمچەك ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارپا ئۇنىنى زەمچە ۋە رەۋەن بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، ھەرخىل ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئارپىنى قاينىتىپ، سۈيىگە بېھى سۈيىدىن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان بوغۇم ئاغرىقىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارپا ئۇنىنى يۇمغاقسۈت سۈيى بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، خانازىر ئىششىقى ۋە باشقا ھەرخىل ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارپا ئۇنى، ئارپىبەدىيان، زىغىر ئۇرۇقى، زۇپتى رۇمى قاتارلىقلارنى كىچىك بالىنىڭ سۈيدۈكى بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە،
كىچىك بوغۇم ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارپىنىڭ قاينىتىلغان سۈيىگە سىركە قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قىچىشقاق ۋە مۇدۇرلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
ئارپا ئىلگىرى »ئېگىزلىكتىكى ئاشلىق« دەپ ئاتىلاتتى، بۇنداق ئاتىلىشى ئۇنىڭ ئەجدادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئارپا ئۆستۈرۈشنىڭ بارلىققا كېلىش مەسىلىسى توغرىسىدا تارىختا100 يىلدىن ئارتۇق تالاش - تارتىش بولغان،1974 - يىلىغا كەلگەندە ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدە تۈرلۈك ياۋا ئارپىلار توغرىسىدىكى يېڭى بايقىشى بىلەن ئىلمىي يەكۈن چىقىرىلدى. ھازىر ھەممە ئادەم ئارپا ئۆستۈرۈشنىڭ كىشىلەرنىڭ تاللىشى، تېرىپ ئۆستۈرۈشى ئارقىسىدا ياۋا ئىككى قىرلىق ئارپا − ياۋا شېشىسىمان ئارپا − ياۋا ئالتە قىرلىق ئارپادىن ھازىرقى ئارپىغىچە ئۇزاق مۇددەتلىك تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
ئېلىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇر ئارپا ئۆستۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى. يىنشۈدىن قېزىۋېلىنغان چىغىناق - تاغاق يېزىقلىرى ئىچىدە »来« بىلەن »牟« خەتلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. »来« خېتى بۇغداينى؛ »牟« خېتى ئارپىنى بىلدۈرىدۇ. بۈگۈنكى تىبەت تىلىدا ئارپىنى »来« دەپ ئاتايدۇ.
ئارپا كۆڭلەكلىك ئارپا ۋە يالىڭاچ ئارپا دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. يالىڭاچ ئارپا ئېلىمىزنىڭ چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىن غەربىي جەنۇبقىچە بولغان كەڭ رايونلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۇ شۇ جايدىكى خەلقنىڭ ئاساسلىق ئاشلىقى. شىزاڭ خەلقىنىڭ مەشھۇر يېمەكلىكىدىن بىرى بولغان زەنبا بولسا ئارپا تالقىنىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ؛ مەشھۇر ئارپا ھارىقىمۇ ئارپىنى ئېچىتىپ تەييارلىنىدۇ.
ئېلىمىزدە ئۆستۈرۈلىدىغان ئارپا كۆلىمى شال، بۇغداي ۋە كۆممىقوناقتىن قالسىلا دانلىق زىرائەتلەر ئىچىدە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئارپا يېمەكلىك ئورنىدا ئىشلىتىلگەندىن باشقا يەنە پىۋا ۋە ئىسپىرت ياساشتا خام ماتېرىيال قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆي قۇشلىرى، ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئېسىل يەم - بوغۇزى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىشىلەر ئارپىنى چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى دېڭىز يۈزىدىن4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جايدا ئۆستۈردى. ئارپا ئاشلىق زىرائەتلىرى ئىچىدىكى جاپا - مۇشەققەتكە چىداملىق ئاۋانگارت بولۇشقا مۇناسىپ.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ قوللىنىلغان قەدىمىي بىرلىك. تۈركچە <ئوكيانۇس تا: بىر ئارپا 16.2 مىللىمېتىرغا تەڭ دېيىلگەن. >بابۇرنامە< دە يېزىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئالتە دانە ئارپىنىڭ كەڭلىكى بىر ئىلىككە باراۋەر بولغان.>
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئارپا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى كەڭ ھەم يىپسىمان بولىدۇ، دېنىنىڭ شاكىلىدا ئۇزۇن قىلتىرىقى بولىدۇ. ئۇ بىر خىل ئاشلىق زىرائىتى بولۇپ ئۈندۈرمىسىدىن پىۋا ۋە ئارپا شېكىرى ئىشلەشكە بولىدۇ.
مۇشۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ دېنى.