Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
كۆز قارىچۇقى رېفلېكسى
بىئولوگىيە
瞳孔反射
tóngkǒngfǎnshè
نېرۋا سىستېمىسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا، يورۇقلۇقنىڭ غىدىقلىشى بىلەن كېلىپ چىققان قارىچۇقىنىڭ كىچىكلەش ياكى زورىيىشتىن ئىبارەت رېفلېكسى پائالىيىتى. قارىچۇق رەڭدار پەردىسىنىڭ ئورىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، رەڭدار پەردىدە ئىككى سىلىق مۇسكۇل، يەنى ھالقىسىمان مۇسكۇل ۋە رادىئال مۇسكۇل بولىدۇ. ھالقىسىمان مۇسكۇل كۆزنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى نېرۋىنىڭ پاراسىمپاتىك تالالىرىنىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولۇپ، قىسقارغاندا قارىچۇقنى كىچىكلىتىدۇ؛ رادىئال مۇسكۇل سىمپاتىك نېرۋىنىڭ ئىدار قىلىشىدا بولۇپ، قىسقارغاندا قارىچۇقنى چوڭايتىدۇ. قارىچۇقنىڭ چوڭىيىشى بىلەن كىچىكلىشى ئادەتتە يورۇقلۇقنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئاجىز يورۇقلۇق ئاستىدا ياكى يىراققا قارىغاندا قارىچۇق چوڭىيىدۇ؛ يورۇقلۇق كۈچەيگەندە ياكى يېقىن نەرسىلەرگە قارىغاندا، قارىچۇق كىچىكلەيدۇ. ئەگەر قارىچۇق رېفلېكسى نورمالسىزلاشسا نېرۋا سىستېمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرىنىڭ خىزمىتىدە كاشىلا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا كلىنىكىدا دائىم قارىچۇق رېفلېكسى ئارقىلىق نېرۋا سىستېمىسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ئىگىلىنىدۇ ۋە دورا ناركوزىنىڭ يېنىك - چوڭقۇرلۇقىنى مۆلچەرلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.