—مەنبە
ئانارگۈل
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئىسپانىيىدە مەيلى ئېگىز تاغلىق رايون بولسۇن ياكى دېڭىز ساھىلىدىكى شەھەرلەر بولسۇن ۋە ياكى يېزا - كەنتلەردىكى ئۆيلەرنىڭ ئالدى - ئارقىلىرىدا بولسۇن، ھەممە يەردە ئانارگۈل ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىسپانلار بۇ ئوتقاشتەك قىزىل ئانارگۈلنى بايلىق، بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. ھەتتا ئىسپانىيىنىڭ دۆلەت گېربىدىمۇ قىزىل رەڭلىك ئانارگۈلنىڭ نۇسخىسى سىزىلغان.
ئانارگۈل ئانار ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان كىچىك دەرەخ ياكى چاتقال. ئۇنىڭ شاخلىرىدا تىكىنى بار، يوپۇرماقلىرى كۆپىنچىسى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، گۈل كاسىسى بولقا شەكىللىك، قىزىل رەڭلىك، گۈل تاج ياپراقچىلىرىمۇ كۆپىنچە قىزىل رەڭلىك. گۈلى ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن شار شەكىللىك چوڭ شىرنىلىك مېۋە چۈشىدۇ. بۇ ئانار (مېۋىسى) دېيىلىدۇ.
ئانار دەرىخى كىشىلەرنىڭ ئۇزاق يىللار ئۆستۈرۈشىدىن كېيىن، «گۈللۈك ئانار» ۋە «مېۋىلىك ئانار» دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنگەن. مېۋىلىك ئانارنىڭ گۈل تاج ياپراقچىلىرى كۆپىنچە يالاڭ قات بەرگلىك بولىدۇ؛ گۈللۈك ئانارنىڭ بولسا قات بەرگلىك ھەم گۈللىرى زىچ، ئۆسۈملۈك تۈپى بىرئاز پاكار، كىچىكرەك بولۇپ، ياز پەسلىدىكى تاماشا قىلىنىدىغان ئاساسلىق مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگودا «ماي ئېيىدىكى ئانار ئوتقاشتەك قىزىل» دېگەن سۆزمۇ بار.
ئانارنىڭ مېۋىسى مەشھۇر مېۋە بولۇپ، ئۇسسۇلۇقنى قاندۇرۇش، خىلىت پەيدا قىلىش، ھاراق تەسىرىنى تارقىتىش (مەستلىكنى يېشىش)، زەھەر قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. يىلتىز، يوپۇرماق، ئۇرۇقلىرىمۇ دورا قىلىنىدۇ. ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، قورۇش، قۇرت ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمى بار.
ئانار يەنە ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بىر خىل دەرەخ بولۇپ،100 يىلدىن ئارتۇق ياشايدۇ. شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يەنتەيدىكى يۈخۇاڭدىيەندە بىر قەدىمكى ئانار دەرىخى بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە، ياشاۋاتقىنىغا300 يىلدىن ئېشىپتۇ. ئانار دەرىخى ئىللىق مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ، قۇرغاقچىلىققا بىرقەدەر چىداملىق، تۇپراققا بولغان تەلىپى قاتتىق ئەمەس. شۇڭا، ئۇنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ. ئەزەلدىنلا «قۇملۇق پادىشاھلىقى» دېگەن نامى بولغان لىۋىيىدىمۇ ئانار گۈلى دۆلەت گۈلى قىلىپ بېكىتىلگەن.