Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوقيا ئېتىش
تەنتەربىيە تۈرلىرى
ئوقيا ئېتىشنىڭ بىر خىل تەنتەربىيە مۇسابىقە تۈرى بولۇشى ئەڭ ئاۋۋال ئەنگلىيىدىن باشلانغان.1787
- يىلى ئەنگلىيىدە دۇنيا بويىچە تۇنجى ئوقيا ئېتىش تەشكىلى − خان جەمەتى ئوقيا ئېتىش ئۆمىكى قۇرۇلغان.1844 - يىلى ئەنگلىيە بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئوقيا ئېتىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.18 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئوقيا ئېتىش ھەرىكىتى ئامېرىكىغا تارقىلىپ، ھەرقايسى شتاتلاردا تەدرىجىي قانات يايغان.1927 - يىلى پولشادا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسىگە12 دۆلەت قاتناشقان.1931 - يىلى خەلقئارا ئوقيا ئېتىش بىرلەشمىسى قۇرۇلغان، ھازىر60 نەچچە ئەزا دۆلەت بار. خەلقئارا ئوقيا ئېتىش بىرلەشمىسىنىڭ باش ئورگىنى باش كاتىپ تۇرۇشلۇق شەھەردە تەسىس قىلىنىش بەلگىلەنگەن بولۇپ، ھازىر ئىتالىيىنىڭ مىلانو شەھىرىدە.
ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسىگە ئەڭ دەسلەپتە ئەر - ئاياللار ئارىلاش قاتناشقان، ئىسىم تەرتىپى نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولۇش تەرتىپى بويىچە قاتارغا تۇرغۇزۇلغان.1933 - يىلدىن باشلاپ ئەر - ئاياللار گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىپ مۇسابىقىلەشكەن. ئوقيا ئېتىش بويىچە خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقىلەردىن دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى بار. تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئوقيا ئېتىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى1931 - يىلى پولشادا ئۆتكۈزۈلۈپ، كېيىن ھەر يىلى بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن،1953 - يىلىدىن كېيىن ھەر ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈشكە ئۆزگەرتىلگەن. ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى1900 - يىلى2 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن باشلانغان، كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.1972 - يىلى20 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. دۇنيا ئوقيا ئېتىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسىگە ئەر - ئايال يەككىلەرنىڭ ۋە ئەر - ئايال كوللېكتىپ بولۇپ، تۆت تۈر تەسىس قىلىنغان.
ھازىرقى زامان ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسىنىڭ ئوقيا ئېتىش ئارىلىقى ئەرلەرنىڭ90 ،70 ،50 ،30 مېتىر؛ ئاياللارنىڭ70 ،60 ،50 ،30 مېتىر بولۇپ، ئەرلەرنىڭ90 ،70 مېتىرلىقى، ئاياللارنىڭ70 ،60 مېتىرلىقى يىراققا ئېتىش، ئەر - ئاياللارنىڭ50 ،30 مېتىرلىقى يېقىنغا ئېتىش دەپ ئاتىلىدۇ. مۇسابىقىدە ئالدى بىلەن يىراق ئارىلىققا، ئاندىن يېقىن ئارىلىققا ئېتىلىدۇ. مۇسابىقە تاق ۋە جۈپ ئايلانمىلارغا بۆلۈنىدۇ. تۆت ئېتىش مۇساپىسىنى ئېتىپ تۈگەتكەندە، بىر يەككە ئايلانما تاماملانغان بولىدۇ. يەككە ئايلانمىدا ھەربىر ئاتقۇچى ھەربىر مۇساپىدە36 دىن جەمئىي144 تال ئوقيا ئاتىدۇ؛ جۈپ ئايلانمىدا ئوقيا سانى بىر ھەسسە ئاشۇرۇلۇپ،288 تال ئوقيا ئاتىدۇ. تەنھەرىكەتچى ئېتىپ تەگكۈزگەن ھالقا سانى بويىچە نومۇر ئالىدۇ. ھالقا سانىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى بويىچە ئىسىم تەرتىپى بېكىتىلىدۇ. نۆۋەتتە خەلقئارا ئوقيا ساھەسىدە روسىيە، كورېيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولماقتا.
ئېلىمىزنىڭ ئوقيا ئېتىش تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى771 - يىلىدىكى غەربىي جۇ سۇلالىسى مەزگىلىدە، »ئوقيا ئېتىش« »ئەدەپ، مۇزىكا، چەۋەندازلىق، كىتاب، ھېساب«لارغا قوشۇپ ئالتە ماھارەت قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەيدىغان مۇھىم مەزمۇن قىلىنغان. ئەينى چاغدىكى ئەمر - پەرمانلاردا ئاق - قارىسىغا ھۆكۈم چىقىرىش تەس بولغانلىكى دەۋالارنى ئوقيا ئېتىپ رەم سېلىش نەتىجىسىگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىش بەلگىلەنگەن. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋردە ئوقيا ئېتىش ماھارىتى خېلىلا يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن بولۇپ، چى بەگلىكىدىكى ياڭ يۈجى100 قەدەم نېرىدىكى تېرەك يوپۇرمىقىغا ئوقنى دەل تەگكۈزەتتىكەن. شۇنىسى، ئوقيا ئېتىشنىڭ تەنتەربىيە مۇسابىقە تۈرى بولۇشى ئېلىمىزدە كېچىكىپ باشلانغان.1956 - يىلىدىن باشلاپ مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان.60 - يىللاردىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ ئاياللار ئوقيا ئېتىش ھەرىكىتىنىڭ سەۋىيىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن.1961 - يىلى شاڭخەي تەنھەرىكەتچىسى جاۋ سۇشيا تۇنجى قېتىم ئاياللارنىڭ يەككە ئايلانمىسىدىكى50 مېتىرلىق دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئەر - ئايال تەنھەرىكەتچىلىرىمىز كۆپ قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.1987 - يىلى دۇنيا ئوقيا ئېتىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئايال تەنھەرىكەتچى ما شياڭجۈن ئېلىمىزگە تۇنجى ئوقيا ئېتىش دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى ئېلىپ بەردى.