Uyghurئاساسىي لۇغەت
قۇلماق
شىۋىلەر
پىۋا ئىشلەشكە ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭ مېۋىسى ( پىجۇخۇا ).
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كەندىر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، قۇلماققا ئۇرۇقداش، پېلەك
تارتىپ ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىدە ئىلمەك تىكىنى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل
ئۆسكەن، سېپى ئۇزۇن، يوپۇرماق تېنى تۇخۇم شەكلىدە، ئۈچكە يېرىلغان ياكى يېرىلمىغان، ھەرە چىشىسىمان گىرۋەكلىك؛ گۈل رېتى قولتۇقىدىن
ئۆسكەن، ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى باشقا - باشقا تۈپلەردە بولىدۇ. ئاتىلىق گۈلى كىچىكرەك، سارغۇچ يېشىل بولۇپ، ئومۇمىي گۈل رېتىنى
ھاسىل قىلىدۇ، ئانىلىق گۈل رېتى باشاقسىمان، سىرتىدا كۆپلىگەن يوپۇرماقسىمان ئورىغۇچى ياپراقلىرى بولۇپ، پىشقان ۋاقتىدا كۆپ مىقداردا
سېرىق گۈل چېڭى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئانىلىق گۈل رېتى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ياز ۋە كۈز پەسلىدە تولۇق چېچەكلىگەندە ئانىلىق گۈل رېتىنى
يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 2 ~ 4 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
قۇلماقنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەزىم بۇزۇلۇش ۋە قورساق كۆپۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇلماقنى مۇۋاپىق مىقداردا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىششىق ۋە دوۋساق ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇلماقنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلى ۋە ئۇيقۇسىزلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
گەرچە پىۋا2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن قۇلماق ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى پىۋىنىڭ رەڭگى ھامان دۇغ ھالەتتە تۇراتتى. «قۇلماق گۈلى» ئىشلىتىلگەندىن كېيىنلا سۈزۈك، پۇراقلىق ۋە سەل قىرتاق تەملىك ھازىرقى پىۋا بارلىققا كەلگەن. شۇڭا، كىشىلەر قۇلماقنى ئىچىملىكلەر دۇنياسىدىكى «كېيىن پەيدا بولغان ئىچىملىك» دېيىشىدۇ.
قۇلماق پىۋا گۈلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ كۆپ يىللىق يۆگەشكۈچى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۈجمە ئائىلىسىگە كىرىدۇ. يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسكەن، شەكلى يۈرەكسىمان تۇخۇم شەكىللىك، كۆپىنچە ئۈچكە يېرىلغان بولۇپ، گىرۋەكلىرى ھەرە چىشلىق بولىدۇ. كۈز پەسلىدە چېچەكلەيدۇ، ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى ئايرىم تۈپتە بولۇپ، ئاتىلىق گۈللىرى كونۇسسىمان گۈل رېتىنى، ئانىلىق گۈللىرى قىسقا باشاقسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھەر ئىككى ئانىلىق گۈلنىڭ سىرتىنى بىر تالدىن تەڭگىچىسىمان ئورىغۇچى ياپراقچە ئوراپ تۇرىدۇ. مېۋىسىنىڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ ئاخىرىدا مېۋىلەر بىرلىشىپ سۇس سارغۇچ ھەم تۇخۇم شەكىللىك شارسىمان مېۋە تەنچىسىگە ئايلىنىدۇ. ھەربىر ئورىغۇچى ياپراقچە ئىچىدە ئىككىدىن ئورۇق مېۋە يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. مېۋە سىرتى ۋە گۈل يېپىنچىسىدا نۇرغۇنلىغان سېرىق پاراشوكسىمان پۇراقلىق ماي بەزلىرى بولىدۇ.
قۇلماق گۈلىدە ئېچىتىلغان پىۋىنىڭ پۇراقلىق بولۇشىنىڭ سىرى، دەل ئاشۇ پۇراقلىق ماي بەزلىرىنىڭ بولغانلىقىدا. ئۇنىڭ تەركىبىدە%3 .0~ 1 ئەتراپىدا ئۇچۇچان ئاروماتىك مايلار بولۇپ، ئۇلار پىۋىغا پۇراق كىرگۈزىدۇ؛ % 4ئەتراپىدا پىكرىن (كاربازوتىن) بولۇپ، ئۇ پىۋىغا ئالاھىدە قىرتاق تەم كىرگۈزىدۇ، لېكىن بۇ خىل تەم ئېغىزغا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يوقاپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە %13 تانىنىن بولۇپ، ئۇ ئېچىتىش جەريانىدا پەيدا بولغان سۈت كىسلاتا (لاكتىك كىسلاتا) باكتېرىيىلىرى بىلەن بۇتىرىك كىسلاتا باكتېرىيىلىرىنى يوقىتىدۇ ھەم پىۋا خام ئەشيالىرىدىكى ئاقسىللار بىلەن بىرىكىپ چۆكمە ھاسىل قىلىدۇ ۋە ئۇنى سۈزۈپ چىقىرىۋېتىدۇ. شۇڭا، ھازىرقى پىۋىلار دۇغ ھالەتتە بولماستىن، سۈپسۈزۈك بولىدۇ.
پىۋا ھەقىقەتەن بىرقەدەر يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە بولغاچقا، كىشىلەر تەرىپىدىن »سۇيۇق بولكا« دەپ تەرىپلەنمەكتە. لېكىن، ئامېرىكا جىگەر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتىغا قارىغاندا، كۆپ پىۋا ئىچىدىغان ئادەملەر ئوخشاش مىقداردا ئۈزۈم ھارىقى ياكى باشقا ئىچىملىك ئىچىدىغان ئادەملەرگە قارىغاندا جىگەر كېسەللىكىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
ئۈجمە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋە باشىقىنى پىۋا ئېچىتىشقا ئىشلەتكەندە، ئاچچىق تەم ۋە خۇشبۇي پۇراق كىرگۈزىدۇ. جۇڭيى دورىلىرىغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئاشقازاننى كۈچەيتىش، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋە باشىقى.