Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئامبار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاشلىق، مال، نەرسە - كېرەك قويىدىغان، ساقلايدىغان ئۆي.
«ساڭ» ئادەتتە ئاشلىق ساقلايدىغان ئۆينى كۆرسىتىدۇ.
«كۇفاك» كۆپرەك ئىدارە، تەشكىلاتلاردا نەرسە - كېرەك ساقلايدىغان ئۆي. خەنزۇچە: 库房
ئامباردا بولسا، قازاندا بولىدۇ. كۇفاڭدا كۈن ئالىدىغان چاچقاندەڭ. كىتاب ئال، ئوقۇ، ئۆيۈڭ كىتاب ئىسكىلاتى بولۇپ قالمىسۇن. ساڭنى ساق ساقلا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا ۋە منگونىڭ دەسلىپىدە تاھىيە باشلىقى، ھاكىم.
يول بىلگەن ئامبالدىن قورقمايدۇ. قوناقلىقتىن چىقمايمەن، شەنگىنىڭدىن قورقمايمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
جىق نەرسىنى ساقلىغىلى بولىدىغان قۇرۇلۇش؛ ئۆي، خانا.
ئاشلىق ئامبىرى. سۇ ئامبىرى.