Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئامازون دەرياسى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
پېرۇدىكى ئاند تاغلىق رايونىدىن باشلىنىپ جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شىمالىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان ئامازون دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى6400 كىلومېتىر بولۇپ، نىل دەرياسىدىن قالسا دۇنيادىكى ئىككىنچى ئۇزۇن دەريا ھېسابلىنىدۇ. ئامازون دەرياسىنىڭ15 مىڭدىن ئارتۇق تارماق ئېقىنى بار، ئۇ برازىلىيە، كولومبىيە، پېرۇ، بولىۋىيە، ئېكۋادور، ۋېنېسۇئېلا، گۋىئانا قاتارلىق دۆلەتلەر ياكى ئۇلارنىڭ بىر قىسىم زېمىنىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ غايەت زور دەريا تورىنى ھاسىل قىلىپ، جەنۇبىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا سوزۇلۇپ ياتىدۇ. دەريا ۋادىسى كۆلىمى7 مىليون50 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنى نىل دەرياسى ۋادىسىنىڭ5 .2 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ %40 ىنى ئىگىلەيدۇ.
ئامازون دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدىغان جايلارنىڭ كۆپ قىسمى ئېكۋاتورنىڭ يامغۇرلۇق ئورمان بەلۋېغىدۇر، شۇڭا ئۇنىڭ ئېقىن مىقدارى ئىنتايىن كۆپ، بۇ جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. دەريا ئېغىزىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى kes/3m120000؛ كەلكۈن مەزگىلىگە كەلگەندە kes/3m200000 قا يېتىدۇ. ھەر يىلى مارازو ئارىلى ئەتراپىدا ئاتلانتىك ئوكيانغا قۇيۇلىدىغان سۇنىڭ مىقدارى3 mk6773 قا يېتىدۇ، بۇ دۇنيادىكى بارلىق دەريالاردىن دېڭىز - ئوكيانغا قۇيۇلىدىغان ئومۇمىي سۇ مىقدارىنىڭ %18 ىنى ئىگىلەيدۇ. دەريا ئېغىزىدىن300 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاتلانتىك ئوكياندا بىرقەدەر دۇغ (تەركىبىدە لاتقا بولغان) دەريا سۈيى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
ئامازون دەرياسى يەنە دۇنيادىكى دەريا قاتناش لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغان دەريا. غول ئېقىمىدا دەريا ئېغىزىدىن باشلاپ ئېكۋىتوسقىچە بولغان3598 كىلومېتىر كېلىدىغان لىنىيىدە 3000 تونناژلىق دېڭىز پاراخوتى قاتنىيالايدۇ. پېرۇدىكى سان - فرانسىسكودىن برازىلىيىدىكى بېلېمگىچە بولغان مۇساپە6187 كىلومېتىر كېلىدۇ.
ئامازون دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا كۆز يەتكۈسىز تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىقى بار. ئورمانلىقتا ھەر خىل دەل - دەرەخلەر ئارىلاش ئۆسكەن. چوڭ - كىچىك دەريالار ئورمانلىقتىكى تار يوللارغا ئايلانغان. ئورمانلىقتا ھايۋانلار بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ. پەقەت پالىساندر ياغىچى، قارا ئەبنوس ياغىچى، گىرۋەك دەرىخى قاتارلىق ئەتىۋارلىق دەرەخلەرنىڭ تۈرىلا نەچچە100 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇ يەردە نوپۇس ئاز، يېزا ئىگىلىك يېرى تېخىمۇ ئاز. كېمە - قولۋاقلار كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ۋە پائالىيەت سورۇنلىرىدۇر. ماگىزىن، مەكتەپلەر ئاساسەن كېمە ئۈستىگە ياسالغان. ئولتۇرۇش، توي - تۆكۈن ۋە نەزىر - چىراغلارنىڭ ھەممىسى كېمە ئۈستىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.