Uyghurئاساسىي لۇغەت
بەند
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تۈگۈن، بوغۇنچە:
توسۇلۇش، توسۇق:
ئەسىرلىك، تۇتقۇنلۇق ھالەت:
1.پەيكەرىم ئول يولدا بولۇپ بەندى بەند،
چاش مەھەلىدە يېتىپ تەختى بەند.
زەلىلى.
2. يەنە دىۋانەلىك باشلاپ خىرەدمەند،
بولۇپ دىۋانەلەرغە مەۋسۈمى بەند.
لۇتقى.
3. بۇلبۇلى خامۇش بولۇپ تابۇكەي،
بەند ئەسىرى غەزەلۇ چەڭۇ نەي.
زەلىلى.
مەپتۇنلۇق، بېرىلگەنلىك.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئالاھىدە قاپىيە تەرتىپىگە ئىگە بولغان شېئىر بۆلەكلىرى بولۇپ، ئۇ ئاياغلاشقان بىرەر ئوي - پىكىرنى، ياكى بىرەر مەنزىرىنى ئىپادىلەيدۇ. بەند ئەدەبىياتشۇناسلىقتا <ستروفا> دەپمۇ قوللىنىلىدۇ. بۇ سۆز بىزدە ئادەتتە <كۇپلېت> سۆزى بىلەن ئىپادىلىنىپ كەلمەكتە.
قاپىيىلىنىش تەرتىپىگە مۇۋاپىق خىلمۇ خىل بەند قۇرۇلۇشىغا ئىگە بولغان شېئىرلار بار. ئىككىلىك - مەسنىۋى؛ تۆتلۈك - مۇرەببە، بەشلىك - مۇخەممەس؛ ئالتىلىك - مۇسەددەس، سەككىزلىك - مۇسەممەن ۋە باشقىلار.
ئا. س. پۇشكىن ئۆزىنىڭ <يېۋگېنى - ئونېگىن> ناملىق شېئىرىي رومانىدا ئون تۆت مىسرادىن تۈزۈلگەن بەندلەرنى قوللانغانىدى، بۇ رۇس ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا <ئونېگىن ستروفاسى> دەپ ئاتىلىدۇ.
ئادەتتە شېئىرنىڭ خاراكتېرىگە مۇۋاپىق بەند قۇرۇلۇشى تۈرلۈكچە بولىدۇ: كىچىك لىرىك شېئىرلار غەزەل شەكلىدە بولسا، ئېپىك شېئىرىي ئەسەرلەر مەسنىۋىگە خاس قاپىيە بىلەن <بەند> تەرتىپىگە ئىگە بولىدۇ. مەسىلەن: ناۋايىنىڭ <خەمىسە> سىدىكى بارلىق داستانلار مەسنەۋى ئۇسۇلىدا قاپىيىلەنگەن بەند قۇرۇلۇشىغا ئىگە.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
باغلىماق، باغلانماق، باغلىنىپ قالماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش _ ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، باغلىنىپ قېلىش ھالىتى.
كىمنىڭ ئەقىل _ پەمى بولسا خوپ بەلەند، پايدىسىز سۆزگە ئۇ قىلماس تىلىنى بەند. ئىش بىلەن بولۇپ، تاماقنى ئۇنتۇپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. بېكىتىلگەن، مىخلانغان جاي.
چىن ئاشىقلار چاقار قەپەس بەندىنى، ئىشەنگىن ئەي قەمەرشاھ دەردىڭ تۈگەيدۇ.
ئى. باغلاق، سولاق، تۈگن، تۇزاق، قاپقان.
يا بىر يامان دەردكە قالدى، ياكى ئۇنى بەندكە سالدى، يا زىندانغا سولاپ ئالدى، نە بولدى يارىم كەلمىدى.
ئى. ئەسىرلىك، تۇتقۇنلۇق ھالىتى.
مەن پۇت - قولۇم ئازادە بولغىنى بىلەن قەلبىم بەند قىلىنغان، كىشەنلەنگەن ئادەممەن …
سۈپ. بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل، بوش ئەمەس.
ئۇ جىددىي ئىش بىلەن بەند ئىدى.
ئى. بىرەر نەرسىگە بېرىلگەنلىك، مەپتۇنلۇق ياكى ئۇنىڭ تەسىرىگە ئېلىنغانلىق.
تەسىرلىك ئىسكىرىپكا كۈيلىرى يەنىلا مېنى بەند قىلالمىدى.
سۈپ. باغلانغان، مۇپتىلا بولغان.
ئەي جاپا دەستىدە سەرگەردان يىگىت، نەدىسەن، تۆھمەتكە بەند، قۇربان يىگىت؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<ئەد> قاپىيە، رىتىم ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئۆزئارا باغلانغان شېئىرىي پارچە.
بىر بەند شېئىر.
<مۇز> مۇزىكا ئەسىرى ياكى ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر قىسمى.