Uyghurئاساسىي لۇغەت
جانان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
مەھبۇبنە، مەشۇقە، سۆيۈملۈك يار:
ناھايىتى گۈزۈل، قەددى - قامىتى كېلىشكەن قىز، نازىنىن.
يېقىملىق؛ ئالىيجاناب.
1. لۇتف ئىلە جانان نىگاھ ئەتسە، نىسار ئەتكۈم بۇ جان،
چۈن نىسار ئەتسە بۇ جان جانان ئىلە قىلمىش قىران.
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەلا سېغىزلىق لايدىن ئىشلەنگەن سۈنئىي مېنرال ماسسا.
چاقچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەنگەن چاقچۇقلار خېرىدارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. فارفۇر ئىدىشلەر پۇختا بولىدۇ. لاينى چالا تەپسەڭ كوزا بولىدۇ، تولا تەپسەڭ جانان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆڭۈل سۆيگەن كىشى، بىر - بىرىگە كۆيگەن ئىككى تەرەپنىڭ بىرى.
<ئاشنا>، <ئاداش> كۆپىنچە خوتۇنلۇق ئەر ياكى ئەرلىك خوتۇن ياكى بويتاق، تۇل ئەر - ئاياللاردىن بىر - بىرىگە كۆڭۈل بەرگەنلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
<دىلبەر>، <دىلدار>، <دىلرەبا> لار كىتابىي سۆزلەر، كلاس
بىر قول ئىككى ئىشنى قىلالماس زىنھار، بىر دىلغا سىغمايدۇ ھەرگىز ئىككى يار. يرىم چىقتى تالاغا، مېنى قويدى بالاغا. ئىككى ئالەمدە مېنىڭ نىگارىم بولسا يېنىمدا، بەس؛ يا بېھىش، دوزاخ، يا ھۈرۇ غۇلمان كېرەك ئەمەس. جاندىن كەچمىگۈچە، جانانغا يەتكىلى بولماس. ئاشناڭغا ئىشىنىپ، ئەرسىز قالما. ئاداش تاپتىم بازاردىن، خالاس بولدۇم قازادىن. باشقا تۈگمەن تېشى كەلگەندە ھەتتا، دىلبىرىدىن قايتسا دىل ئەمەس ئەسلا. دىلى كۆيگەنگە دىلرەبا بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. قەددى - قامىتى كېلىشكەن، گۈزەل ئايال.
سۈپ. ياخشى، گۈزەل، چىرايلىق.
جانان قىز.
ئى. يېقىن كىشىلەرگە نىسبەتەن مۇراجىئەت ۋە ھۆرمەت مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
جانانخان، جەناخان، جەناقىز، جەناگۈل، جەنىخان، جەنىقىز، جەنىگۈل، جەنىمخان
جانغاجان قوشقۇچى، سۆيۈملۈك؛ قەلب، دىل