Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋات
يۈز مەشھۇر شەخىس
1736 - 1819
كىشىلەر دائىم شوتلاندىيىلىك ۋاتنى پار ماشىنىسىنى كەشىپ قىلغۇچى، سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئاساسچىسى دېيىشىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ۋات پار ماشىنىسىنى ياسىغان تۇنجى ئادەم ئەمەس. مىلادى بىرىنچى ئەسىردە، ئىسكەندەرىيىلىك ئالىم ھېيلو مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ماشىنىنى تەسۋىرلەپ ئۆتكەن. 1698 - يىلى، ئەنگلىيىلىك توماس سافىلى پومپىغا ئىشلىتىلىدىغان پار ماشىنىسىنىڭ ئىجادىيەت پاتېنتىغا ئېرىشىدۇ. 1712 - يىلى، ئەنگلىيىلىك توماس نيۇكمېن ئۆزگەرتىلگەن پار ماشىنىسىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، پەقەت كۆمۈركاندا سۇ تارتىشقىلا ئىشلىتىلەتتى.
1764 - يىلى ۋات پار ماشىنىسىغا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. ئۇ بىردانە نيۇكمىن پار ماشىنىسىنى رېمونت قىلىۋېتىپ، ئۇنىڭغا بۇ ئىسراپچىلىقنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى سەزدى. گەرچە ۋات بۇ خىل ماشىنىنى ياساشنى مەشق قىلغىلى تېخى بىر يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭ ئىجادىيەت تالانتى نيۇكمېن پار ماشىنىسى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەب، پارنىڭ يوشۇرۇن ئىسسىقلىقىنى يوقىتىپ قويغانلىقىدا ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭغا تونۇتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماشىنا گەۋدىسى سىرتىغا قوشۇمچە پار قازىنى ئورناتتى، نەتىجىدە، پارنىڭ خورىشى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. ۋاتنىڭ نيۇكمېن پار ماشىنىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور ئىدى، مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇ پار ماشىنىسىنى تۇنجى كەشىپ قىلغۇچى دېگەن نامغا ئېرىشكەنىدى.
1769 - يىلى، ئۇ <ئوت سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىدىغان پار ماشىنىسى ۋە يېقىلغۇ خوراش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى> جەھەتتە پاتېنتقا ئېرىشتى. 1776 - يىلى، بۇخىل ماشىنا زاۋۇت، كانلاردا ئىشلىتلىشكە باشلاندى.
1781 - يىلى، ئۇ ۋاللىق چىشلىق چاق كەشىپ قىلىپ، پار ماشىنىسىنىڭ ئالدى - كەينىگە ھەرىكەت قىلىشنى ئايلانما ھەرىكەتكە ئۆزگەرتىپ، پار ماشىنىسىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. 1782 - يىلى، ئۇ قوش ھەرىكەتلىك پار ماشىنىسى كەشىپ قىلدى، بۇ خىل ماشىنىدا پورشېن ئىككى يۆنىلىشنىڭ ھەرىكىتى بويىچە ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۈنۈم تۆت ھەسسىدىن ئېشىپ كەتتى. 1878 - يىلى، ئۇ يەنە پار ماشىنىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئاپتوماتىك كونترول قىلىدىغان مەركەزدىن قاچقۇچى سۈرئەت تەڭشىگۈچنى كەشىپ قىلدى. 1790 - يىلى مانومېتىرنى كەشىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ۋاتنىڭ پار ماشىنىسى تولۇق يۈرۈشلىشىپ، ئەمەلىي ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولدى.
1775 - يىلى، ۋات ئىنژېنېر ھەم ھۈنەرۋەن ماسئۇ باۋلېت بىلەن ھەمكارلىشىپ شىركەت ئاچتى. 25 يىل ئىچىدە، ۋات - باۋلېت شىركىتى نۇرغۇنلىغان پار ماشىنىلىرىنى ياساپ چىقتى.
بىزنىڭ پار ماشىنىسىنىڭ مۇھىملىقىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈشىمىز ناھايىتى قىيىن. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇنلىغان كەشپىياتلار سانائەت تەرەققىياتىدا زور رول ئوينىغانىدى. ۋاتتىن بۇرۇن، نۇرغۇن كەشپىياتچىلار بارلىققا كەلگەن، مەسىلەن، موكىنىڭ كەشپىياتچىسى جون - كاي، توقۇمىچىلىق ماشىنىسىنىڭ كەشپىياتچىسى خارگېفۇلار، بىراق، ۋاتنىڭ كەشپىياتى سانائەتنىڭ يۈكسىلىشىگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئىدى؛ ئەگەر ئۇنىڭ كەشپىياتى بولمىغان بولسا، سانائەتنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى بۈگۈنكىدەك بولمىغان بولاتتى.
بۇرۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ مەنبەسى كۆپىنچە ھاللاردا ئادەمنىڭ مۇسكۇل ھەرىكىتىدىن كېلەتتى، شۇڭلاشقا پەيدا بولىدىغان ئېنېرگىيىمۇ چەكلىك ئىدى. دۇنيادا ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسى ناھايىتى كۆپ. ھەتتا بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. 1973 - يىلدىكى نېفىت ئىمبارگوسىدىن ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەر ۋە ئامېرىكا ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ كەمچىلىكى پۈتكۈل سانائەت سىستېمىسىنىڭ دەۋر قىلىشىغا قانچىلىك توسقۇنلۇقى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. بۇ ئەمەلىيەت مەلۇم دەرىجىدە بىزگە ۋاتنىڭ كەشپىياتى سانائەت ئىنقىلابىدا نەقەدەر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
توكنىڭ قۇۋۋەت بىرلىكى. توك بېسىمى بىر ۋولت، ئۆتكەن توك ئېقىمى بىر ئامپىر بولغاندا، قۇۋۋەت بىر ۋات بولىدۇ.
بۇ ئايدا 100 ۋات توك كېتىپتۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىملىق سۆز.
رەخت، قەغەزلەرنىڭ يىرتىلغان ئاۋازى.
ۋاسىل ئېگىلگەن ھامان شىمى ۋات قىلىپ يىرتىلىپ كەتتى.
دۇنيا تارىخى
(1736 - 1819) ئەنگلىيىلىك كەشپىياتچى. شوتلاندىيىلىك، دەسلىپىدە گلاسگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا خىزمەت قىلىپ، ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى ياساشقا مەسئۇل بولغان. 1769 - يىلى نېۋكومېن (1663 - 1729) نىڭ كان قۇدۇقلىرىدا پار ئارقىلىق سۇ تارتىش ناسوسىغا بىر قاتار زور ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، قۇۋۋىتى بىر قەدەر زور بولغان ئاددىي ھەرىكەتلىك پار دۋىگاتېلىلىق ماتورنى ياساپ چىققان؛ 1784 - يىلى يەنە چاتما ھەرىكەتلىك پار دۋىگاتېلنى سىناپ ياساپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ پار ماشىنىسىنىڭ ئىسسىقلىق ئۈنۈمىنى ۋە مەشغۇلاتنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىنى ئۆستۈرگەن. پار ماشىنىسىنى سانائەتتە ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشكە بولىدىغان دۋىگاتېل ماتورغا ئايلاندۇرغان. 1784 - يىلى ئەنگلىيىدە پار ماشىنىسى بىلەن يىپ ئىگىرىدىغان تۇنجى فابرىكىنى قۇرۇپ چىققان. كېيىن پار ماشىنىسى باشقا سانائەتلەرگىمۇ كېڭەيتىلىپ، پۈتكۈل سانائەتتە غايەت زور تېخنىكا ئىسلاھاتىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. كېيىنكىلەر ئۇنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، دائىم ئىشلىتىلىدىغان قۇۋۋەت بىرلىكىنى ئۇنىڭ نامى - <ۋات> بىلەن ئاتىغان (بۇ ھەربىر سېكۇنتتا چىقىرىلىدىغان بىر جوئۇللۇق قۇۋۋەتنى كۆرسىتىدۇ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز
روسچە
فىزىكا
ئېلېكترنىڭ قۇۋۋەت بىرلىكى. ئېلېكتر بېسىمى 1 ۋولت، ئۆتكەن توك 1 ئامپېر بولغان چاغدا، قۇۋۋەت 1 ۋات بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
« ۋات - ۋات» قا قاراڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تايلاندنىڭ پۇل بىرلىكى.