Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىر مىڭ يەتتە يۈز توقسان ئۈچىنچى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىدا ياكوبىنچىلار ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە ماقۇللانغان جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئاساسىدىكى ئاساسىي قانۇن، ياكوبىنچىلار ئاساسىي قانۇنى ياكى جۇمھۇىيەتنىڭ تۇنجى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1793-يىل 6-ئاينىڭ 24-كۈنى خەلق ئۇيۇشمىسىدا ماقۇللانغان. ئاساسىي قانۇن يېڭى 35 ماددىلىق <كىشىلىك ھوقۇقى ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى خىتابنامىسى> ۋە 124-ماددىلىق ئاساسىي قانۇن تېكىستىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. <كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى> نى روبېسپېر تەييارلىغان. ئاساسىي قانۇن تېكىستىدە: فرانسىيە - ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى ئاساسىدىكى جۇمھۇرىيەت؛ يېشى 21 گە توشقان فرانسىيىلىك ئەرلەرنىڭ ھەممىسى سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. بىر پالاتالىق تۈزۈمى ئاساسىدىكى قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىغا مەنسۇپ؛ مەمۇرىي ھوقۇق قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىغا مەسئۇل مەمۇرىي كېڭەشكە مەنسۇپ، مەمۇرىي كېڭەش قانۇننى ۋە قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ قانۇن - پەرمانلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ؛ فرانسىيىدىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەسكەر ھېسابلىنىدۇ؛ خەلق باراۋەرلىك، ئەركىنلىك، بىخەتەرلىك، مال - مۈلۈك، ئېتىقاد، نەشر قىلىش، تەلەپ قويۇش، تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشۇش، تەربىيە ئېلىش ۋە جامائەت قۇتقۇزۇشنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ بەلگىلەنگەن. ئاساسىي قانۇن ئومۇمىي خەلنىڭ قايتا ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق ماقۇللانغان. فرانسىينىڭ شۇ چاغدىكى ۋەزىيىتى تۈپەيلىدىن مەزكۇر ئاساسىي قانۇن زادىلا يولغا قويۇلمىغان.