Uyghurئاساسىي لۇغەت
سانسىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سانىنى ئالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۆپ.
سانسىز يالتىراق قۇڭغۇز بىر چىراغچە دال بولماس. سان - ساناقسىز كۈنلەر ئۆتتى. بىلگەنلىرىمىز چەكلىك، بىلمىگەنلىرىمىز ھەددى - ھېسابسىزدۇر. بۇزغىنىڭنىڭ سانى يوق، تۈزىگىنىڭنىڭ تايىنى. ھازىر سېلىق قالايمىقان سېلىنىۋاتىدۇ، دېھقانلار تۆلىگەن سېلىقنىڭ ھېسابى يوق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سان - سانىقى يوق، ئەدىدى يوق.
سانلىق، ساناقلىق، ھېسابلىق
سانالغان، سان - سانىقى مەلۇم.
سانلىق مەلۇمات تەھلىل ئۈچۈن زۆرۈر. ساناقلىق قوينى بۆرە يېمەس. ھېسابلىق سۆز - سالماقلىق سۆز. ئاي يالغۇز، يۇلتۇز سانسىز. سان - ساناقسىز يالتىراق قوڭغۇز بىر چىراغقا دال كەلمەس. ھېسابلىق كۈنۈڭنى ھېسابلاپ ئۆتكۈز.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ھەددى - ھېسابسىز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ساناپ بولغىلى بولمايدىغان، بىھېساب، نۇرغۇن.
سانسىز يۇلتۇزلار.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
چەكسىز، كۆپ، قۇدرەتلىك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
چەكسىز، كۆپ، قۇدرەتلىك. باشقا شەكىللىرى: سانسىزباي، سانسىزبەگ.