Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياپىلاق موگۇ
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
ياپىلاق موگۇنىڭ ئۆزى يوغان، ئەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا باۋيۈ بېلىقىنىڭ پۇرىقى بولغاچقا، باۋيۈ موگۇسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، شېكەر ھەمدە ۋىتامىن مول بولۇپ، مەززىلىك يېمەكلىك بولۇپلا قالماي، يەنە كېسەل داۋالايدىغان ياخشى دورا ھېسابلىنىدۇ، سەنشى ۋۇتەينىڭ مەشھۇر «شۇجىنسەن» دورىسى ياپىلاق موگۇنى ئاساسلىق خام ماتېرىيال قىلىپ تەييارلانغان. ياپىلاق موگۇنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا بەدەننى كۈچەيتىدۇ، قاندىكى خولېستېرىننى ئازايتىدۇ.
ياپىلاق موگۇنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنى ئۆستۈرۈش ئاسان. ئادەتتە ياغاچ پارچىسىدا ئۆستۈرۈش، قۇتىدا ئۆستۈرۈش ۋە زەمبۇرۇغ تاختىسىدا ئۆستۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ. ياپىلاق موگۇنىڭ ئۆسۈشى تېز بولۇپ، تېرىشتىن يىغىۋالغۇچە40 كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ، زەمبۇرۇغنىڭ گىرۋەكلىرى تەكشى ھالەتكە كەلگەندە يىغىۋېلىشقا بولىدۇ، گىرۋەكلىرى قورۇلۇشقا باشلىسا قېرىغانلىقىنى، سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ياپىلاق موگۇنى ئىشلەپچىقىرىش ئاسان، تەننەرخى تۆۋەن، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، يېزا ياكى زاۋۇت، كان، قىسىم، مەكتەپلەرنىڭ پارچە - پۇرات يەرلەردىن پايدىلىنىپ شۇغۇللىنىدىغان بىر تۈرلۈك قوشۇمچە كەسپى قىلىشقا بولىدۇ.
ياپىلاق موگۇ ياغاچ چىرىندى زەمبۇرۇغى بولۇپ، ياۋىسى قۇرۇپ نابۇت بولغان ياۋايى دەرەخلەردە ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ماسلىشىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، ھازىر ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن ياكى شىمالىدىكى قاتتىق سوغۇق بولىدىغان رايونلاردا بولسۇن ھەممىلا جايدا كۆپ مىقداردا ئۆستۈرۈلىدۇ. بولۇپمۇ ئورۇنباسار خۇرۇچ ئارقىلىق ئۆستۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى تېز كېڭەيدى.
ياپىلاق موگۇ ئۆستۈرۈش خام ماتېرىيالى خېلىلا كۆپ بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى زىرائەتلەرنىڭ شاخ - شۇمبىسى، توپىنى، قاسىرىقى، ئېچىتقۇ زاۋۇتلىرىنىڭ تىرىپلىرى ھەمدە تۈرلۈك دەل - دەرەخلەرنىڭ يوپۇرمىقى، ياغاچ كېپىكى قاتارلىقلار ياخشى خام ماتېرىيال بولالايدۇ. ئۇنى سىرتتا ئۆستۈرۈشكىمۇ، كۆكتات، ئاشلىق بىلەن كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرۈشكىمۇ، دەرەخ ئاستى، ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ئۆستۈرۈشكىمۇ، بىكار ئۆي، ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۆڭكۈرى، تاغ ئۆڭكۈرى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىپ موگۇ ئۆيى قىلىپ ئۆستۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. ھەربىر كۋادرات مېتىردىن تەخمىنەن15 كىلوگرام ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، يۇقىرى بولغاندا20 كىلوگرامغا يېتىدۇ. يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن بىر قېتىم ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى پۈركۈلىدۇ، تەخمىنەن10 −15 كۈندىن كېيىن ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېتىم يىغىۋېلىشقا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى، ئىككىنچى قېتىملىق موگۇ موگۇ ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ40 −60 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ياپىلاق موگۇنى شۇ پېتى يېمەكلىك قىلىشقىمۇ، قۇرۇتۇپ ساقلاشقىمۇ بولىدۇ.