English→Uyghurئاساسىي لۇغەت
Jordan
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
The Hashemite Kingdom of Jordan
ئىئوردانىيە
جىددىي ئاققان سۇ
ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 96 مىڭ 188 كۋادرات كىلومېتىر (ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كېلىدۇ. ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرى دېڭىز يۈزىدىن 600-1000 مېتىر ئېگىز بولغان ئېگىزلىكلەردىن ئىبارەت. ئۇنىڭ غەربىي تەرىپىدە شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان ئىئوردان دەريا ۋادىسى، ئۆلۈك دېڭىز ۋادىسى، ئەرەب ۋادىسىدىن ئىبارەت ئۈچ ۋادا بار. بۇلارنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرى دېڭىز يۈزىدىن پەس تۇرىدۇ. ۋادىلارنىڭ شەرقىدە ئېگىزلىكى 1000-1400 مېتىر كېلىدىغان تاغلىقلار بار. دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبى تەرەپلىرىگە قۇملۇقلار جايلاشقان. ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى سۇبتروپىك بەلباغ چۆللۈك ئىقلىم تىپىغا، غەربىدىكى تاغلىقلار يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىدىكى رايونلارنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 500-700 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. شەرقىي جەنۇبى رايونلىرىدا 50 مىللىمېتىر كېلىدۇ. ئىئوردانىيىنىڭ ئاھالىسى 2 مىليون 960 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلاردىن باشقا تۈركمەن، ئەرمەن قاتارلىق مىللەتلەر ياشايدۇ. ئىئوردانىيىدىكى پەلەستىنلىكلەر بىر مىليون 200 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، ئاھالىنىڭ 90% دىن كۆپرەكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىدۇ، ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. ئىئوردانىيە ئەسلى پەلەستىننىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 6 - ئەسىردىلا نەيبىت خەلقلىرى پادىشاھلىق دۆلەت قۇرغان. 16 - ئەسىرگە كەلگەندە ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەنگلىيىنىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن. 1921 - يىلى ئەنگلىيە ئىئوردان دەرياسىنى چېگرا قىلىپ، ئۆزى ئىگىلىگەن جاينى ئىككىگە ئايرىغان. ئۇنىڭ غەربى پەلەستىن، شەرقى ئىئوردانىيە دەپ ئاتالغان. 1947 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى دۆلەت نامىنى ھاشىم ئىئوردانىيە پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتكەن، 1977 - يىلى 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئىئوردانىيە ئىقتىسادتا كان ئسانائىتى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. بولۇپمۇ فوسفورلۇق مىنېرال ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىنىڭ 80% ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقىدا بۇغيدا، ئارپا، كۆممىقوناق، كۈنجۈت، تاماكا، ئۈزۈم قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ مېۋىچىلىكى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۆز ئېھتىياجىنى قامداپ، مېۋە ئېكسپورت قىلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ. چارۋىچىلىقىدا تۆگە، قوي، كالا، قېچىر، ئات قاتارلىقلار بېقىلىدۇ. پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىدە توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، سوپۇن، تاماكا، سېمونت، ئەينەك، نېفىت ئايرىش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ.
ئىئوردانىيىنىڭ تولۇق نامى <ئىئوردانىيە ھاشىم پادىشاھلىقى> بولۇپ، ئرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى ئىئوردان دەرياسىدىن كەلگەن. ئىئوردان سۆزى ئىبراي تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى <جىددىي ئاققان سۇ> ياكى <ئۆركەشلىمەك> بولىدۇ. ئىئوردان دەرياسى ىۋان بىلەن سۈرىيىنىڭ تۇتاشقان جايىدىكى شەيخ ؟؟ تېغىدىن باشلانغان بولۇپ،جەنۇبقا قاراپ تەبرىۋال كۆلىگە ئېقىپ كېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈلۈك دېڭىزغا قويۇلىدۇ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ تەبرىۋال كۆلىدىن ئۈلۈك دېڭىزغا قويۇلغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز كىلومېتىردىن ئارتۇقراق، سۇنىڭ چۈشۈش پەرقى 180 مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، سۇ ئېقىمى ئىنتايىن جىددىي؛ شۇڭا <ئىئوردان> (جددىي ئاققان سۇ) دەپ ئاتالغان. <ھاشىم> بولسا پادىشاھ جەمەتىنىڭ فامىلىسى، بۇ جايلار ئەسلى پەلەستىننىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مىلادى 630 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان، 1517 - يىلى ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى بېسىۋالغان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەنگلىيىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىدىكى رايون بولغان، 1921 - يىلى ئەنىگلىيە پەلەستىننى ئىككىگە پارچىلاپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىنى يەنىلا پەلەستىن دەپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىنى <تاشقى ئىئوردانىيە> (خەلىپىلىكى) دەپ ئۆزگەرتكەن، لېكىن ئوخشاشلا ئۆزى كونترول قىلغان، 1946 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئەنگلىيە ئامالسىز ئىئوردانىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. 1947 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى دۆلەت نامى ھاشىم تاشقى ئىئوردان پادىشاھلىقى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1950 - يىلى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي ۋە شەرقىي قىرغاقلىرى بىرلىشىپ، ئىئوردانىيە ھاشىم پادىشاھلىقى دەپ ئۆزگەرتىلگەن.
ئىئوردانىيىنىڭ يەر مەيدانى 96.188 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 4 مىليون 200 مىڭ. بۇنىڭ 40%ى ئىئوردانىيىلىك ئەرەبلەر، 55%ى پەلەستىنلىك ئەرەبلەر، قالغىنى چېركەس تۈركلىرى، تۈركىيە تۈركلىرى ۋە چېچېنلەر تەشكىل قىلىدۇ. پايتەختى ئاممان، پۇل بىرلىكى دىنار.
ئىئوردانىيە ئەسلى پەلەستىننىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 1921 - يىلى ئەنگلىيە ئىئوردان دەرياسىنى چېگرا قىلىش ئاساسىدا ئىئوردانىيىنى پەلەستىندىن ئايرىۋەتكەن. 1946 - يىلى ئىئوردانىيە مۇستەقىل بولۇپ، دۆلەت ئىسمىنى ئىئوردانىيە ھاشمىت پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرگەن. ئىئوردانىينىڭ دۆلەت بايرىقىنى دۆلەت مۇستەقىل بولغاندا پادىشاھ ئابدۇللا تۈزۈپ بەرگەن، ئۇ ئەنئەنىۋى پەلەستىن بايرىقى بولۇپ، ئۈستىدىن ئاستىغىچە قارا، ئاق ۋە يېشىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭدىن تەركىب تاپقان، بايراق سېپى تەرەپتىكى قىزىل ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئوتتۇرسىغا يەتتە بۇرجەكلىك ئاق يۇلتۇز سىزىلغان. قارا، ئاق، يېشىل ۋە قىزىل رەڭلەر پان ئەرەب رېڭى بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەرەب مىللىي تارىخىدا ئۆتكەن مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئەۋلادلىرى قۇرغان ئابباس، ھۈمەييا، فاتىمە ۋە ھاشىم خاندانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان؛ يەتتە بۇرجەكلىك ئاق يۇلتۇز <قۇرئان> دىكى يەتتە پارە سۈرىنى كۆرسەتكەن.
ئىئوردانىيە دۆلەت گېربىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا قانات قېقىۋاتقان ھەيۋەتلىك سالاھىدىن شۇڭقىرى ھاۋا رەڭ يەر شارىدا باش كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ئىسلام دىنىنڭ تەسىرى پۈتۈن يەر شارىغا تاقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇقەددەس شۇڭقارنىڭ ئىككى يېنىغا بىردىن دۆلەت بايرىقى قادالغان. ئالتۇن دەستىلىك زۇلپىقار بىلەن ئالتۇن رەڭلىك ئوقيا ئىئوردانىينىڭ شەرەپلىك تارىخى ۋە پادىشاھ جەمەتىنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىنى بىلدۈرگەن؛ بۇغداي باشاقلىرى بىلەن پالما يۇپۇرمىقى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاشلىق بىلەن تىنچلىقنى بىلدۈرۈپ ئوخشاشلا مۇھىملىقنى ئىپادىلگەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىغا مۇسۇلمانلارنىڭ بەلگىسى ئىسىلغان بۇلۇپ، سېرق لېنتىغا پادىشاھ ئابدۇللانىڭ ئىسمى ۋە <>ئاللا ئونىڭغا بەخت ۋە مەدەت ئاتاقىلىدۇ<> دېگەن ئايەت يېزىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئالتۇن رەڭلىك جىيەك تۇتۇلغان قىزىل كۈنلۈك بولۇپ، كۈنلۈك ئۈستگە پادىشاھ ھوقۇقىنىڭ چەكسىزلىكىگە سىمۋول قىلىنغان تاج نەقىشلەنگەن