Uyghurئاساسىي لۇغەت
ساقلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھىمايە قىلىپ، تاجاۋۇزغا، زىيان - زەخمەتكە ئۇچراتماسلىق.
يۇرت قوغدىساڭ ئۆسەرسەن، قوغدىمىساڭ ئۆچەرسەن. ھەقىقەتنى قوغدىغان ئاھ ئۇرمايدۇ. مېۋە ئالاي دېسەڭ، چېچىكىنى ئاسرا. ئۆلۈككە يىغلىما، تىرىكنى ئاسرا. ھۆرمىتىڭنى ياشلىقىڭدىن ساقلا. ئايىساڭ ئۆتىسەن، يامىساڭ پۈتىسەن. كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، ئۆزۈڭنى خار قىلما. ئۆز ئىززەت - ھۆرمىتىڭنى مۇھاپىزەت قىل. يىگىت بولساڭ، ئاجىزلارنى مۇھاپىزەت قىل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېلىشى مۆلچەرلەنگەن ئادەم ياكى نەرسىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ بىر يەردە تۇرماق.
ۋاقىت ھەرگىز ئادەمنى كۈتمەس. ئەخمەق ۋاقىتنى ساقلار، ۋاقىت ئۇنى ساقلىماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۆز يېنىدىن، ئۆز دائىرىسىدىن ئورۇن بېرىپ تۇرغۇزماق.
بوۋاي ئادىلنىڭ سومكىلىرىنى ساقلاپ بېرىشكە دەرھال ماقۇل بولدى.
بىرەر مەقسەت ياكى بىرەر كىشى ئۈچۈن ئېلىپ قويماق، ئېتىبار بىلەن قالدۇرماق.
سەگىش ئۈچۈن ئۆستەڭ بويى ياقىلىدۇق، جاندىن ئەزىز بالىمىزنى ئۆزلىرىگە ساقلىدۇق.
بىرەر ھالەت، خۇسۇسىيەت، كۆرۈنۈشنى ئۆزگەرتمەي ئۆز پېتى قالدۇرماق، داۋاملاشتۇرماق.
ھاۋا تەڭشەش كانايلىرى سېخنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىكى نەملىكنى بىر خىل ساقلاپ تۇراتتى.
مۇھاپىزەت قىلماق، قوغدىماق، ئاسرىماق.
قىزنى ئانىسى ساقلىسۇن، ئوغۇلنى ئاتىسى ساقلىسۇن (ماقال). * ئىسمائىل سوپۇم تۇرۇپلا خامان ساقلاشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى.
قۇتقۇزماق، خالاس قىلماق.
توۋا، مېنى بۇ ئۆلۈمدىن قايسى كۈچ، نېمە تەقدىر ساقلاپ كېلىۋاتىدىكىنە!
تىرىك قالدۇرماق.
شۇ قېتىمقى جەڭدە ئۇ ئىككى قېتىم مېنى ساقلاپ قالدى.
پەرۋىش قىلماق، باقماق.
بۇ كۈنلەردە بىزدەكلەرگە جان ساقلاشمۇ تەس بولۇپ قالدى.
ئۇنتۇماي داۋاملىق ياد ئېتىپ تۇرماق، ياد ئەتمەك.
سىزنىڭ سۆزلىرىڭىىزنى مەڭگۈ ئېسىمدە ساقلايمەن.
يوشۇرماق.
بىگىزنى قاپتا ساقلىغىلى بولمىغىنىدەك، ئۇنىڭ بۇ جىنايىتى تېزلا ئاشكارىلىنىپ قالدى.
مەلۇم بىر خىسلەت ۋە تەسىرىنى زىيانغا ئۇچراتماي، بۇلغىماي، يوقاتماي مۇھاپىزەت قىلىپ كەلمەك.
ئىپپەت - نومۇسىنى ساقلىماق. ئابرۇيۇڭنى ياشلىقىڭدىن ساقلا (ماقال).
رىئايە قىلماق، ئەمەل قىلماق.
يىغىن تەرتىپىنى ساقلىماق. دەرس ئىنتىزامىنى ساقلىماق.
كۈتۈپ تۇرماق.
تىللاخان ئۇنى ئۇزاق ساقلىدى.
ئامان - ئېسەن قىلماق، ساق - سالامەت قىلماق.
بىز سېپىلغا چىققاندا خۇدايىم ساقلىسۇن ئوقتىن. ئەجەبمۇ قۇتۇلمىدۇق، زۇلۇم بىلەن زورلۇقتىن.