Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1. باراۋەر.
تەڭ، باراۋەر.* ئەر _ ئاياللار ھوقۇقتا تەڭ.* تەڭ ھوقۇقلۇق.* تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامە.
2. ئوخشاش، بابباراۋەر. تەڭ دىمەت.* تەڭتۇش.* تەڭداش.* ئىككىمىزنىڭ بويى تەڭ، كۈچىمىزمۇ تەڭ.* ھەممىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
3. بىللە، بىر ۋاقىتتا، بىر خىل. تەڭ يېگەن تەڭگە سىڭەر، يالغۇز يېگەن يەرگە ( ماقال ).* كۈن بىلەن تەڭ تۇرغاننىڭ ئۆمرى ئۇزۇن ( ماقال ).* تەڭ كۆتۈرگەن يۈك يېنىك ( ماقال ).* تاش بىلەن ياڭاق تەڭ بولالماس ( ماقال ).* ئاداش _ ئاداش بولايلى، بىر نېمە تاپساق تەڭ يەيلى ( بالىلار ناخشىسى ).
4. تاكاللاشماق، ئېيتىشماق. ھاي، ئاكاڭ بىلەن تەڭ تۇرما.* يامان بىلەن تەڭ بولغۇچە.* تەڭ كېلەلمىگەن نېمەڭگە، ئېيتىشىپ نېمە قىلىسەن؟
5. تەڭ _ قىسلىققا سالماق.
ھالىڭ تەڭ بولىدۇ، بىپەرۋا تۇرساڭ،
بىراۋ ھالىنى سەن تەڭ قىلغان بولساڭ.
ھوما ھالىنى تەڭ قىلىش مەقسىتىدە،
قارغا ئۇسىخاننى كۆمەر خاك ئارا.
6. خىلى، تەڭدىشى، مۇخالىپى. تەڭ تېڭى بىلەن، تېزەك قېپى بىلەن.* ئۇ سېنىڭ تېڭىڭ ئەمەس.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
يېرىم، ھەر نەرسىنىڭ ئىككىدىن بىر قىسمى. تەڭ _ نىسپى.* يېشىم ئوتتۇزغا يەتتى، ئۆمرۈمنىڭ تېڭى كەتتى ( ماقال ).* يامىساڭ، يېڭى بولمىسىمۇ، يېڭىنىڭ يېڭى بولار ( ماقال ).
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تار، قىستاڭ، زىچ.
بىر ئېشەكلىك يۈك؛ تاي، توپ، بىر باغلام يۈك.
تۆش تارتقۇ، تۆشلۈك.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تار، سىقىق، قىستىلاڭ، زىچ؛ تارتما، تاسما، باغ، ئايىل؛ توپ، تاي، باغلام؛ دىلتەڭ - يۈرىكى سىقىق؛ تەڭ نەپەس - زىققى نەپەس؛ نەپىسى سىقىلىش؛ تەڭ شارابلىغ - مەينى كۆتىرەلمەسلىك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېگىز - پەسلىك، يۇقىرى - تۆۋەنلىك بولمىغان، ھەممە ئوخشاش بولغان ھالەت.
بەش قول تەڭ ئەمەس. قاش بىلەن كۆز تەڭ بولمايدۇ. باراۋەر ئىدۇق ھەممىمىز تەڭرى ئالدىدا ، باراۋەر بولمىدۇق ئەممە دەۋر ئالدىدا، كېرىلىپ كەتمىگىن سەن ئامەتلىرىڭدىن، باراۋەر بولىمىز قەبرى ئالدىدا. بەش تال بارماق، بەش قېرىنداش، بىراق زادى بىردەك بولماس. بىر كۈندە تۇغۇلغان بارماقمۇ تەكشى ئەمەس. تىكىس يەر تېپىلماس. تەڭپۇڭ بولماق تەس، مۇۋازىنەت ئەلا. موساۋەت فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ ئۈچ شوئارى : ھۈرىيەت، موساۋات، ئادالەتنىڭ بىرى. ئۇنىڭدا ھەممىنىڭ تەڭ - باراۋەرلىكى تەشەببۇس قىلىنغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم بىر بوشلۇق، بۆلەك، بىر قىسىم.
جاي بەرگەنگە جان بەر. ئورۇننىڭ تارلىق، كۆڭۈلنىڭ تارلىقى خورلۇق. ئورۇن ئادەم كۆركى ئەمەس، ئادەم ئورۇن كۆركى. ئەقىل بار يەردە يول بار. پەن ھەممە يەردە ماكان تۇتىدۇ، بىراق ئۇرۇق سېلىمىغان يەر ھوسۇل بەرمەيدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تەڭ، باراۋەر.
« تەڭ تۇش _ تەڭ - تۇش» دېگەن سۆز مۇشۇنىڭدىن ئېلىنغان.
3 - 485
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىمكان، پۇرسەت، جاي.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: تەڭسىزدە تەگىرمەن تۇرغۇرسا ياراغسىزدا يار بارىر _ ناباب جايغا تۈگمەن قۇرسا، كۈتمىگەندە يار كېتەر. بىر كىم تۈگمەننى ئۆز ئورنىغا ئەمەس، ناباب جايغا قۇرۇپ قويسا، كۈتۈلمىگەن جايدىن يار ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ ماقال ئىشنى ئۆز پەيتىدە قىلمىغان كىشىگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ.
3 - 485
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تارازا (ئېغىرلىق ئۆلچەم ئەسۋابى نامى)
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
بۇ بىر خىل ئۆلچەم ئەسۋابى بولسا كېرەك، ياكى ئادەتتىكى تۇرمۇش بۇيۇمى (سېۋەت ياكى تەڭلىگە ئوخشاش) بولۇشىمۇ مۇمكىن. <مانى ئىبادەتخانىسىنىڭ ھۆججىتى> دە" <بىر تەڭ پىياز> دېگەن ئىبارە بار. كونكرېتنى قىممىتى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئوخشاش، باراۋەر.
قاپ ھېچقاچان تاغار بىلەن تەڭ بولالمايدۇ.
سۈپ. بىر - بىرىگە ماس، مۇۋاپىق؛ باراۋەر.
تەڭ تېڭى بىلەن، تېزەك قېپى بىلەن (ماقال).
رەۋ. بىر - بىرىدىن قېلىشمايدىغان، دەمبەسقەدەم، بىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە؛ باراۋەر.
ھەممە تەڭ كۈلۈشتى.
ئى. ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئىككىدىن بىرى، يېرىمى.
تۈن تەڭ بولماقتا، بالا ھوشىغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئانا قەلبى بىھوش ئىدى.