English→Uyghurئاساسىي لۇغەت
Ganda
دۇنيادىكى مىللەتلەر
گاندالار
گاندالار ئۇگاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بەزىدە <باگاندالار>، <ۋاگاندالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 6.99 پىرسەنتى ئۇگاندا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 3 مىليون 300 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 28 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تانزانىيىدىمۇ بىر تۈمەندەك گاندا بار.
گاندالار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ. ئۆز ئىچىدىن باسبىسې ۋە باسىنگو قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ. 50 نەچچە ئۇرۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
گاندالار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ شىمالىي بانتۇ تىللىرى تارمىقىغا تەۋە گاندا تىلىنى قوللىنىدۇ، ئىنگلىز تىلىنىمۇ بىلىدۇ. لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
گاندالار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتىستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، يەنە بىر قىسىم ئاھالىسى ئەنئەنۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان.
گاندالار ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى قوشۇمچە چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا باتات (تاتلىق ياڭيۇ)، بانان، قەھۋە، كېۋەز قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ ئىقتىسادىي زىرائەتلىرى ئۆستۈرىلىدۇ.
گاندالاردا پاترىئارخاللىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى ئېغىر ھالدا ساقلانغان بولۇپ، مال - مۈلۈككە ئاتا جەمەتىگە قاراپ ۋارىسلىق قىلىنىدۇ. بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ئادەتلىرىمۇ ئومۇمىيۈزلۈك ساقلانغان.
گاندالار ئوغۇل - قىزلىرنىڭ سۈننىتىنى قىلدۇرىدۇ، ئومۇمەن سۈننەت قىلغان يىگىت قىزلارنىڭ نىكاھلىنىشىغا ۋە جامائەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشغا سالاھىيىتى بولىدۇ. سۈننەت مەرىكىسى ئالاھىدە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ. بەزى جايلاردا بۇ مەرىكە نەچچە كۈن داۋام قىلىدۇ.
گاندالارنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى ھەرە كۆنىكىسىمان كېلىدۇ. ياغاچ تۈۋرۈك قويۇپ، شاخ - شۇمبىلار بىلەن ئۆگزىسىنى يېپىپ قويىدۇ، مەھەللىنىڭ مەركىزىدە قەبىلە ئاقساقىلى، ئەتراپىدا قەبىلە ئەزالىرى ئولتۇرىدۇ.
گاندالاردا توتېم قىلىنغان ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ گۆشىنى ئىستىمال قىلىش مەنئىي قىلىنىدۇ.
گاندالار دۇمباقنى مۇقەددەس، ئالىي بىلىدۇ ۋە ئۇنى ئالىيجانابلىقنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ، شۇڭا ئۇگاندانىڭ دۆلەت گىربىدە دۇمباق بەلگىسى بار.