Uyghurئاساسىي لۇغەت
تازا
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
پاكىز، پاك.
تازا سۇ، تازا كىيىم. * پۇت - قۇلۇڭنى تازا تۇت. * قۇلۇڭلار تازا بولسۇن دېمە، قەلبىڭىز تازا بولسۇن دە (ماقال).
ھايات بەش كۈنلۈك دەپ كەلدى سادا،
بەش كۈنلۈك ھاياتنى ئۆتكۈزگىن تازا.
2 . ساپ، باشقا بىر نېمە ئارىلاشمىغان. تازا ئىسپىرت. * تازا سۈت.
3 . ساق، ساغلام. تەنلىرى تازىمۇ؟ * تازىكەنلا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
1 . راسا، ئىنتايىن، ناھايىتى.
ئۇ تازا كېلىشكەن قىز ئىكەن. * بىز بۈگۈن تازا ئىشلىدۇق. * ئۇنىڭ ئاچچىقى تازا كەلدى. * دۈشمەنگە تازا قاتتىق زەربە بەردۇق.
2 . دەل، توپمۇ توغرا. تازا چۈش ۋاقتى ئىدى. بىر مۇنچە يولداشلار چۈشلۈك تاماق يەۋاتاتتى.
3 . غەلىتە، قاملاشمىغان. ئەخمەت، سېنىڭ دوستۇڭ تازا بىر نېمە ئىكەن، گەپ ئاڭلىتالمىدىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۈپەتنىڭ ئاشۇرما دەرىجىسىنى ياسايدىغان دەرىجە رەۋىشلىرى.
ئەڭ مۈشكۈل كەسىپ كىشىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتۇر. ناھايىتى چوڭ ئىشلارمۇ كىچىك ئىشلاردىن چىقىدۇ. ئىنتايىن زۆرۈر بولمىسا، ئۇرۇشتىن توختاپ سۈلھ تۈز. مەردلىك ئەمەس، شەكسىز، جاھىل ھاياجان، يەرگە يىقىلغاننى تەپمەك بەك ئاسان. بۈگۈنكى ئويۇن تازا قىزىدى. مېنىڭسىز ئىشلىرى يۈرۈشەر تازا، بىرەر سۆز قىلىشىم ياراشماس ئاڭا. ئادەمنىڭ راسا كەمتەر ۋاقتى ئۇلۇغلۇققا تازا يىقىنلاشقان چېغى. بۇ بالا يامان ياخشى بالا ئىكەن. ئەجەب ياخشى بوپتۇ، بۇرنۇڭغا سۇ كىرىپتۇ. گاداينىڭ ئۇيقۇسى ئاجايىپ قاتتىق. ھايات _ قالتىس ھۈنەر. زەپ چىرايلىق كەلدى باھار. غايەت زور نەيىجە ياراتساڭمۇ مەغرۇرلارنما. مەن ئۇنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىمەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چاڭ قونمىغان، مەينەت ئەمەس، كىر - غۇبادىن خالىي.
قولۇڭ تازا بولسۇن دېمە، كۆڭلۈك تازا بولسۈن دە. پاكىز سۇ ئەكەلگۈچە، لاي سۇنى تۆكمەي تۇر. بۇلاقنىڭ كۆزى پاكىز بولسا، سۈيى تازا بولار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېسىلى يوق، ئاغرىق - سىلاقتىن خالىي.
ساقلانساڭ، ساق بولىسەن. ساق كۆز يىغلىسا، قارىغۇ كۆزدىن ياش چىقار. سالامەت تەندە ساغلام ئەقىل. ساغلام روھ بولمىسا، ساغلام تەن بولماس. كىيىشىم ماتا، تېنىم تازا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
چاڭ - توزان قونمىغان، داغ - دۇغ ئارىلاشمىغان، بۇلغانمىغان.
پاسكىنا، ئىپلاس، مەينەت، كىر، قاسماق، توڭرا
بۇلغانغان، چاڭ - توزان قونغان، داغ - دۇغ ئارىلاشقان.
قولۇم تازا بولسۇن دېگۈچە، كۆڭلۈك تازا بولسۇن دە. بۇلاقنىڭ كۆزى پاكىز بولسا، سۈيى تازا بولار. ئاق بولمىسىمۇ پاك بولسۇن. ساپ ھاۋا تەنگە داۋا، ئېرىغ سۇ تەنگە شىپا. قوي ئۆز ئايىغىنى پاسكىنا قىلار. ئىتنىڭ ئاغزى تەگكەنگە دەريا سۈيى ئىپلاس بولماس. كىر يەڭنى يۇغانسېرى كىر چىقار. مەينەت قولۇڭنى تازا ئاشقا سۇنما. قاسماق قايناتمىغۇچە ئېرىمەس. توڭرا توڭدىن يامان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاغرىق - سىلاق، كېسەلدىن خالىي.
ئاغرىق، كېسەل، بىتاپ، بىمار، خەستە، كەم ، ساقسىز، تاۋى يوق، مىجەزى يوق
تەن ساقلىقىدىن ئايرىلغان.
ساق يېرىمنىڭ ھالى يوق، ئاغرىق يېرىمنىڭ تايىنى يوق. تېنى ساققا تەمسىز تاماق يوق. ساغلام تەندە ئۈمىد بار، ئۈمىد بولسا ھەممە بار. سالامەت تەندە ساغلام ئەقىل. ئىككى كېسەل بىللە كەتتى، ساق بېرىپ، سالامەت قايتسۇن. كىيىشىم ماتا، تېنىم تازا. ئاغرىق بىلەن تازىلىق ئاراز. ھەر كىم ئۆز ئاغرىقىنى سۆزلەيدۇ. كېسىلىگە قاراپ دورا بەر. خەستە كىشىگە يول خەت كېسىلمەيدۇ. بىتاپ بولساڭ ئاپتاپقا چىق. بىمارغا بال ئاچچىق. بىر يېرىم كەم تۇرىدۇ، - دېدى ئاتام. مىجەزى يوقنىڭ ھالى يوق. ساقسىزنى قويۇپ ساقنى يۆلەپتۇ.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
چىقىم، خىراجەت. مەسىلەن: بۇ تويغا نۇرغۇن تازا قىلدۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
كىر ئەمەس، چاڭ قونمىغان، كىر ۋە توپا - تۇماندىن خالىي؛ پاكىز.
تازا كىيىم، تازا رەخت.
ئەسلىسى بويىچە، ئارىلاشما ئەمەس؛ ساپ.
تازا مال، تازا ئالتۇن.
كۆچمە. بۇلغانمىغان، داغ چۈشمىگەن؛ ساپ، پاك.
يىگىتنىڭ كۆز قىرىدا مۇنداقلا قاراپ قويۇشى بۇ سەبىي قىزنىڭ تازا قەلبىنى دولقۇنلىتىۋەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
راسا، ئىنتايىن، ناھايىتى.
ئۆزىنىڭ ئىززەت نەپسىگە تېگىۋاتقان مۇئامىلە ۋە گەپلەر ۋاڭنىڭ تازا ئاچچىقىنى كەلتۈردى.
توپتوغرا، دەلمۇدەل، ئۇدۇلمۇئۇدۇل.
تازا چۈش ۋاقتى چىقتى بىر چۇقان، توختىدى بارلىق ماڭغان ھەم تۇرغان.