Lughet
لۇغەتئۇيغۇرچەگۈل تېگى
Uyghurئاساسىي لۇغەت

گۈل تېگى

بىئولوگىيە گۈل سېپىنىڭ ئۇچىدىكى گۈل كاسىسى، گۈلتاقى، ئاتىلىق ۋە ئانىلىق ئۆسكەن قىسىم. ئادەتتە گۈل تېگى ئازراق چوڭيىدۇ، كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە چوڭىيىپ ھەرخىل شەكىلگە كىرىغانلىرىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، بۆلجۈرگەننىڭ گۈل تېگى كونۇسسىمان بولۇپ، گۆشلىشىدۇ، ئۇنىڭ مېۋىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىلىنىدىغان قىسمى گۈل تېگىنىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. نېلۇپەرنىڭ گۈل تېگى كونۇسسىمان بولۇپ، نېلۇپەر چىنىسى دەپ ئاتىلىدۇ. شاپتۇلنىڭ گۈل تېگى ئىستاكانسىمان بولىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل تېگىنىڭ گۈل كاسىسى بىلەن ئانىلىق ئوتتۇرىسىدىكى قىسمى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھەسەل شىرنىسى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بۇ ئورۇن گۈل تەخسىسى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، قوڭغۇراقگۈلنىڭ گۈل تەخسىسى قېلىن، دۈگىلەك تەخسىسىمان بولۇپ، ئۇرۇقدان تۈۋىنىڭ ئەتراپىغا جايلىشىدۇ. مودەننىڭ گۈل تەخسىسى يۇقىرىغا تومپىيىپ چىقىپ، ئانىلىقنىڭ تۈۋىنى ئوراپ تۇرىدۇ.
Rate this entry

باشقا مەنبەلەردىكى ئوخشاش سۆز

گۈل تېگىUyghurChineseئاساسىي لۇغەت

مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر

تېگىUyghurگۈلUyghurتېگى تېگىدىنUyghurتېگى پەسUyghurتېگىنUyghurتېگىمUyghur
← ئىزدەش