Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋاللا
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
瓦拉〈瑞典〉
wǎ lā 〈ruì diǎn 〉
دۇنيا تارىخى
瓦拉
wǎ lā
(1407 - 1457) ئىتالىيىلىك گۇمانىزمچى، رىمدا ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1431 - يىلى مىسسىئونېر بولغان. تەخمىنەن 1437 - يىلى ئاراگون كورۇلى ئالفونسو Ⅴ نىڭ كاتىپى بولغان. 1448 - يىلى رىمغا بېرىپ، پاپانىڭ كاتىپى بولغان. كاتولىك چېركاۋلىرى تەرغىپ قىلغان مەدرىس پەلسەپىسى ۋە زاھىتلىققا قارشى تۇرۇپ، ئۆز ئەسىرى - <راھەت - پاراغەت ۋە ھەقىقىي بەخت> تە راھەت - پاراغەت ۋە بەخت قوغلىشىش يەنىلا ئىنساننىڭ تۇغما خۇسۇسىيىتى دەپ قارىغان. كېيىن يەنە <كونستانتىن ھەدىيىسىنىڭ راست - يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش> دېگەن ماقالنى يېزىپ، پۇختا تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش ئارقىلىق، پاپا ئىتالىيە ۋە غەربىي ياۋروپاغا سىياسىي جەھەتتىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھوقۇقلۇق دېيىشكە ئاساس قىلىنغان <كونستانتىن ھەدىيىسى> نىڭ يەنىلا يالغان مەدەنىي يادىكارلىق ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئۇنىڭدا قوللىنىلغان لاتىن يېزىقىنىڭ مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى كونستانتىن دەۋرىنىڭ لاتىن يېزىقى بولماستىن، بەلكى مىلادى Ⅷ ئەسىردىكى لاتىن يېزىقى ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ چىققان. بۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىدئەتلەرگە ھۆكۈم قىلىش ئورنىنىڭ قوغلاپ تۇتۇشىغا ئۇچرىغان، ئالفونسو Ⅴ نىڭ ھامىيلىق قىلىشى ئارقىسىدىلا تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ھايات قالغان.
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
瓦拉
wǎ lā