Uyghurئاساسىي لۇغەت
كاپ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قەدەھ؛ لوڭقا، مۇسابىقە لوڭقىسى: كاپ قەھرىمانى - بىرىنچىلىك، ئوزارمەنلىك ياكى چىمپىيونلۇق لوڭقىسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىغنى ئىتتىكلىتىدىغان بۇيۇم، سايمان، مەخسۇس تاش.
«كاپ» كۆندىن ياسىلىدۇ.
بىلەي تاش قاپتالدا، ئېسىل سۆز يۈرەكتە. چاق ھېچنىمىنى كېسەلمىسىمۇ پىچاقنى ئىتتىكلىتىدۇ. قايراق قاچان بولسا بولسۇن پىچاققا دوست. ئۇستىرا كاپ بىلەن، خوتۇن كىشى لاپ بىلەن. پەرىشانلىق ئۆمۈرنىڭ ئېكىكى. ئېكەككە دوقاقنى كەلتۈرۈپتۇ، ھۈررەككە پوقاقنى.
دۇنيا تارىخى
(1858 - 1922)گېرمانىيەدىكى 1920 - يىل بولغان ئەكسىلئىنقىلابىي ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ كاتتىبېشى. ياش ۋاقتىدا قانۇن پەنلىرى دوكتۇرى ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، شەرقىي پرۇسسىيىدە يېزا ئىگىلىك مىنستىرلىكىدە مەسلىھەتچى بولغان. 1906 - 1920 - يىللىرى شەرقىي پرۇسسىيە يېزا ئىگىلىك كرېدىت بانكىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1917 - ئوڭچىل كونسېرۋاتىپ گېرمانىيە مىللەت پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1920 - يىلى 3 - ئايدا، دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىدىكى ئەكسىيەتچىل كۈچلەر بىەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مۇنارخىيىلىك ئىستىبداتلىق تۈزۈمنى تىرىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان كاپ توپىلىڭىنى قوزغىغان. يېڭىلگەندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
ئۇستىرىنى كاپلىغۇچقا سۈركەش ھالىتى.
كاپقا تارتماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئات - ئۇلاغلارنىڭ بىر نەرسىلەرنى يەپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئېغىزىغا سېلىپ قويىدىغان تور.
- ئاغزىدىكى كاپ ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ قالغاچقا بۇغداي يېگەن گەپ، - دېدى بىر دېھقان تورپاقنىڭ بىقىنىنى مۇجۇپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
ئۇششاق، ئۇۋاق نەرسىلەرنى بىراقلا ئېغىزىغا سالغان ۋاقىتتىكى ئېغىزنىڭ ئېچىلىپ - يېپىلىشىغا تەقلىد قىلىنىدۇ.
كاپ ئەتمەك.
بىرەر نەرسىنى بىردىنلا تۇتقان ۋاقىتتىكى ھەرىكەتنىڭ تېزلىكىگە تەقلىد قىلىنىدۇ.
ئانا كاپ قىلىپ قىزىنىڭ ئوڭ قولىنى تۇتۇۋالدى.