Uyghurئاساسىي لۇغەت
كامبىس
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 255) يەنى كامبىس Ⅱ قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسى پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 529 - 252). كۇرۇس (بۈيۈك ئىمپېراتور)نىڭ ئوغلى. مىلادىدىن ئىلگىرى 538 - 530 - يىللىرى دادىسى تەرىپىدىن بابىلون ھۆكۈمرانى قىلىپ تەيىنلەنگەن. تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىنىسى باردىيەنى مەخپىي ئۆلتۈرۋەتكەن. فىنىكلار ۋە ئەرەب بەدەۋىلەر قەبىلىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن، مىسىرغا لەشكەر تارتىپ كىرىپ، ئۇنى بويسۇندۇرغان. غەربتىن كارفاگېنغا باستۇرۇپ كىرمەكچى بولغان بولسىمۇ، مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىغان، جەنۇبتىن نۇبىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، مەغلۇپ بولغان. ئۇنىڭ مىجەزى ئەسكى بولۇپ، مىسىرغا يۇقىرى بېسىملىق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. مىلادىدىن 522 يىل ئىلگىرى ئىراندا توپىلاڭ بولۇپ، كاھىن گاۋماتا (ئۆزىنى باردىيە دەپ ئاتىۋالغان) ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان، كامبىس بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دۆلىتىگە قايتىپ كېلىۋاتقاندا تاساددىپىي ئۆلۈپ كەتكەن