Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەممە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېنىقلاش ئالماشلىرى، ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئومۇمىيلىقىنى ئېنىقلايدۇ.
بايرام بارچىنىڭ، توي تېگىشلىكىنىڭ. ھەممىنى بىلىمەن دېيىش بىرنىمۇ بىلمەسلىك. ھەممە ئىشقا پەم كېرەك، ئۆتۈككە چەم. ھاياتنىڭ پۈتۈن خۇشاللىقى ئىجادىيەتتۇر. ھەممىلا تۇخۇمدىن چۈجە چىقىرىۋەرمەيدۇ. ھەممىلا ئەگرى ياغاچ يا بولىۋەرمەيدۇ. ئاتاقلىق ئۇسسۇل رېژىسسورى ھاجى راخمان ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىنى ئۇيغۇر خەلق ئۇسۇلىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بېغىشلىغان. موللا ھوشۇرنىڭ بارى شۇ. بار - يوقى بىر بالام _ باش - كۆزى تاز بالام. بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى كۈنگە مۇھتاج. جىمى ئالەم گۇۋاھ بولسۇن، سەندىن ئۆزگە يارىم يوق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئېنىقلاش ئالماشلىرى، ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئومۇملۇقىنى ئېنىقلايدۇ؛ بارلىق ئادەم ۋە نەرسە.
ھېچكىم، ھېچنېمە
بولۇشسىزلىق ئالمىشى؛ ئىنكار قىلىشنى بىلدۈرىدىغان سۆز. ھېچبىر كىشى، ھېچبىر نەرسە.
ھەممە تۇخۇمدىن چۈجە چىقماس. ھەممە ئەگرى ياغاچ ياي بولماس. ھېچكىم ھېچكىمنى جەننەتكە يېتىلەپ بارماس. ھېچكىم يىلانغا ئۆز كۆكسىدىن جاي بەرمەيدۇ. بارچىنى بىلىمەن دېگەن ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ. بايرام بارچىنىڭ، توي تېگىشلىكنىڭ. ھەممە تامنىڭ ئۇلى بار، ھەر ئىشنىڭ يولى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
پارىسچە
مەلۇم كۆپ سانلىق شەيئىنىڭ تولۇق سان - مىقدارى ئورنىدا كېلىپ <بارلىق، پۈتۈن، پۈتكۈل، جىمى> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ھازىر ئۇنىڭ ئۆيىدە كىچىك تراكتور،، ۋېلسىپىت، ھارۋا، ئۈنئالغۇ... ئىشقىلىپ ھەممە نەرسە بار.
<خىلمۇخىل> ياكى <ھەرقانداق> دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.
ئۇنىڭ قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ھەممىخان، ھەممىگۈل، ھەمىخان، ھەمىگۈل، ھەممىخان، ھەممىقىز
ئىللىق، ئىللىق سۈت